Uyghurئاساسىي لۇغەت
يىلان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يىلان:
قۇشى بالاسى ئاشىيان ئۆزرە يىلان كۆرگەچ كەبى،
خاتىرى شەيداۋۇ زۇلفى تابىدىن غەۋغانى كۆر.
ئەرشى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يىلان.
ئوق يىلان _ ئوق يىلان. ئادەم ۋە باشقىلارغا ئۆزىنى ئاتىدىغان يىلان. يىلان يىلى _ يىلان يىلى. تۈركلەرنىڭ يىلنامىسىدە ئون ئىككى مۈچەل يىلىدىن بىرىنىڭ ئېتى.
3 - 37
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ھەريىلى قىش پەسلى كېلىپ، تېمپېراتۇرا ℃7 ~ ℃8 قا چۈشكەندە، يىلانلار ئېگىز، قۇرغاق جايدىن ئۆڭكۈر تاللاپ قىشلىق ئۇيقۇغا كىرىدۇ. قىشلىق ئۇيقۇ ۋاقتىدا نەچچە ئون تال ياكى نەچچە يۈز تال ئوخشاش بىر تۈردىكى ياكى ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى يىلانلار بىر يەرگە توپلىشىۋالىدۇ.
يىلانلار نېمە ئۈچۈن توپ بولۇپ قىشلىق ئۇيقۇغا كىرىدۇ؟ چۈنكى، يىلان سوغۇق قانلىق ھايۋان بولۇپ، تېنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى مۇھىت تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. قىش كۈنلىرى سىرتقى مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىگەندە يىلاننىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىمۇ تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا يىلان قىشلىق ئۇيقۇغا كىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتقا ماسلىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە يىلان يېمەيدۇ، ھەرىكەت قىلمايدۇ، پەقەتلا قىشلاشتىن بۇرۇن تېنىدە زاپاس تەييارلىۋالغان مايغا تايىنىپ ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئېھتىياجىنى قامدايدۇ. قىش پەسلىدىكى مۇنداق ناچار تەبىئىي مۇھىتتا قىشلىق ئۇيقۇدا تارقاق ياتىدىغان يىلانلارنىڭ 1/2 −1/3 ى ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئەگەر كوللېكتىپ ئۇيقۇغا كىرسە ئەتراپنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃1 − ℃2 ئۆرلەيدۇ، يەنە تېنىدىكى سۇنىڭ تارقىلىپ كېتىشى ئازىيىپ، تېنىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى تۆۋەنلەپ، ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئازىيىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، باھاردا ئۇيقۇدىن ئويغانغاندىن كېيىنكى ئەركەك - چىشى يىلانلارنىڭ چېتىشىش پۇرسىتىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.
ھەر يىلى4 −5 - ئايلاردا يىلانلار ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ كامارلاردىن چىقىپ ھەرىكەت قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى جورا ئىزدەپ چېتىشىش بولىدۇ. يىلانلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى تۇخۇم تۇغىدۇ، ئاز ساندىكىلىرى تۇخۇم تۆرەلمىلىك تۇغىدۇ. يازنىڭ باشلىرىدىن قىشنىڭ باشلىرىغىچە يىلانلارنىڭ پائالىيەت مەزگىلى بولۇپ، يىلانلار بۇ مەزگىلدە ئوزۇقلۇق يەيدۇ ۋە كۆپىيىدۇ. ھەر يىلنىڭ7 -،8 -،9 - ئايلىرى يىلانلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىنىڭ ئەڭ ئەۋجىگە چىققان مەزگىلى بولۇپ، تۇتۇپ يەيدىغان ئوبيېكتلىرىنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، جۈملىدىن ھەر خىل ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنى يەيدۇ. يىلان بىرنەرسە يېگەندە چاينىماي، پۈتۈن پېتى يۇتۇۋېتىدۇ. يىلان ئاغزىنى چوڭ ئاچالىغاچقا، ئۆزىدىن خېلىلا چوڭ نەرسىلەرنى يۇتۇۋېتەلەيدۇ.
يىلاننىڭ ياشاش جەريانىدا يەنە تېرە تاشلاش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ، بىر يىلدا بىرقانچە قېتىم تېرە تاشلايدۇ. تاشلىغان تېرىسى جۇڭيى تېبابەتچىلىكىدە «يىلان تېرىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ رېماتىزمنى داۋالاش ئۈنۈمى بار.
دۇنيادا يىلاننىڭ تۈرى2700 دىن ئاشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۆتتىن بىرى زەھەرلىك يىلان. ئەڭ چوڭ يىلان جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدە ياشايدىغان سۇ بوغما يىلىنى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى11 مېتىردىن ئاشىدۇ.
ھايۋاناتلار دۇنياسى
«دېھقان بىلەن يىلان» دېگەن بىر ھېكايە بار، ھېكايىدە بىر ئاق كۆڭۈل دېھقاننىڭ توڭلاپ قېتىپ قالغان يىلانغا ئىچ ئاغرىتىپ، قولتۇقىغا سېلىپ ئىسسىتقانلىقى ۋە ئۆيگە ئېلىپ كەتكەنلىكى، يىلان ئويغانغاندىن كېيىن دېھقاننى چېقىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى سۆزلىنىدۇ. بۇ ھېكايە كىشىلەرگە يىلانغا ئوخشاش يامان ئادەمگە ئىچ ئاغرىتماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، يىلان سەۋەبسىز ئادەم چاقمايدۇ. ئۇنىڭ بىر جۈپ ھەم يۇمىلاق، ھەم نۇرلۇق كۆزى بولسىمۇ، لېكىن يىراقنى كۆرەلمەيدىغان يۇقىرى گرادۇسلۇق كۆز بولۇپ، ھەرىكەتلىنىۋاتقان جىسىمغا سەزگۈر، مىدىرلىماي جىم تۇرۇۋالسا قاراپ تۇرۇپ كۆرمەيدۇ. مەسىلەن، كۆزەينەكلىك يىلاننى ئالساق، ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ چېقىلمىسىڭىزلا چاقمايدۇ، ئەگەر قورقۇپ قاچسىڭىز ئارقىڭىزدىن قوغلايدۇ، چۈنكى ئۇ ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىسىمغا سەزگۈر كېلىدۇ.
يىلاننىڭ ئاڭلاش ئەزاسىدا تاشقى قۇلاق ۋە داپ پەردە بولمايدۇ، ھاۋادا تارقالغان ئاۋازنى ئاڭلىيالمايدۇ، ئىچكى قۇلىقى بولسا ئادەم ياكى ھايۋاننىڭ يېقىنلاشقان قەدەم تىۋىشىغا ئىنتايىن سەزگۈر. يىلاننىڭ بۇرنى تىلىغا تايىنىپ پۇراق تەكشۈرىدۇ، تىلى ناھايىتى ھەرىكەتچان، ئەپچىل بولىدۇ، يىلان ئاغزىنى چىڭ يۇمۇۋالسىمۇ، ئاغزىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى كىچىك تۆشۈكىدىن ئەركىن - ئازادە چىقىرىپ، ھاۋادىكى پۇرىقى بار مىكرو زەررىچىلەرنى ئۈزلۈكسىز سۈمۈرىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ. بۇ مىكرو زەررىچىلەر ئاچا تىلىنىڭ يۈزىگە يېپىشقاندا تاڭلاي قىسمىدىكى ساپانسىمان ئاپپاراتىغا يەتكۈزۈلۈپ يېمەكلىك ۋە يېمەكلىك ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ. بەزى يىلانلارنىڭ كۆزى بىلەن بۇرۇن تۆشۈكى ئارىلىقىدا بىر ئويۇقچىسى بار بولۇپ، تېمپېراتۇرىغا ئالاھىدە سەزگۈر، ئەگەر ئادەم تاماكا چېكىپ تۇرۇپ ياكى مەشئەل كۆتۈرۈپ ماڭسا، خۇددى رېئاكتىپ ئايروپىلان شالدىراق قۇيرۇقسىمان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئۆزىگە جەلپ قىلغاندەك، شۇ خىل يىلاننىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىدۇ.
يىلان زەھەرلىك يىلان ۋە زەھەرسىز يىلان دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. زەھەرلىك يىلاننىڭ زەھەر چىشى بار بولۇپ، ئادەمنى زەخىملەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ چىشلىرى چايناش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەيدۇ، يېگەن نەرسىلىرىنى چاينىمايلا يۇتۇۋېتىدۇ. يىلاننىڭ ئاستىنقى ئېڭىكى بىر - بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان ئىككى پارچە سۆڭەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، سىڭىر بىلەن تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ، پۈتۈن ئېڭىكى كەڭ - كۇشادە ئاستىغا ساڭگىلىيالايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يىلان ئۆزىنىڭ بېشىدىن بىرقانچە ھەسسە چوڭ يېمەكلىكنى يۇتۇۋېتەلەيدۇ.
كىشىلەر يىلاننىڭ ياشاش خۇسۇسىيىتىنى ئىگىلىۋالسىلا، ئۇنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدۇ. ھازىر كىشىلەر يىلان بېقىپ ئىستېمال قىلغاندىن ياكى زەھىرىنى ۋە ئۆتىنى ئېلىپ دورا قىلغاندىن باشقا، ھىندونېزىيىدە كۈرمەك يەيدىغان بىر خىل يىلان بار بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى شاللىققا قويۇپ بېرىپ، ئوت ئوتاشقا ياردەم قىلغۇزۇۋاتىدۇ: گرېتسىيىدە فۇگا دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل يىلان بار بولۇپ، ئۆمۈچۈككە ئوخشاش يىپ پۈركۈپ چىقىرىپ تور ياسايدۇ. يەرلىك ئاھالىلەر بۇ خىل توردىن ئىنتايىن چىداملىق بېلىق تۇتۇش تورى ياساپ پايدىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېڭىز سۈيىنىڭ چىرىتىشىگە چىداملىق. شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى بەزى جايلاردا يىلان بېقىپ ئۆيگە قارىتىدىغان ئادەت بار.
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
يىلاننىڭ ھەممە يېرىنى گۆھەر دېيىشكە بولىدۇ، يىلان گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇقى مول، تەمى ئېسىل بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك يېمەكلىك دەپ قارىلىدۇ. يىلان تېرىسى قىممەتلىك كۆن خام ماتېرىيالى. يىلان ئۆتىدىن كۆپ خىل دورىلارنى ياسىغىلى بولىدۇ، يىلان تېنىنى دورىغا ياكى ھاراققا چىلاشقا بولىدۇ، يىلان زەھىرىنىڭ قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، بىئو خىمىيىلىك سىناق دورىسى ئىشلەپ، تۈرلۈك نېرۋا ئاغرىقى، بالىلار پارالىچ كېسەللىكى، قاناشقا مايىللىق كېسىلى قاتارلىق كۆپ خىل قىيىن كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا بولىدۇ. يىلان قېنى، يىلاننىڭ تاشلىغان قاسىراقلىرىدىنمۇ دورا ئىشلەشكە بولىدۇ. شۇڭا، يىلان »تىرىك ئالتۇن« دەپ ئاتىلىدۇ.
يىلاننىڭ تۇرمۇش رىتىمى ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ئۆي قۇشلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. توخۇ، توشقان قاتارلىقلار مۇقىم تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانلارغا كىرىدۇ، يىلان بولسا ئۆزگىرىشچان تېمپېراتۇرىلىق ھايۋانغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى مۇھىت تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇلاردا قىشتا ئۈچەككە كىرىش، ئەتىيازدا ئۈچەكتىن چىقىش، ياز ۋە كۈزدە جانلىنىشتەك تۇرمۇش رىتىمى شەكىللەنگەن، بۇ يىلاننىڭ ئالاھىدىلىكى.
يىلان ئادەتتە كۈز پەسلىدە جۈپلىشىدۇ، ئىككىنچى يىلى5 - ئايدىن8 - ئايغىچە چىشى يىلان تۇغىدۇ. چىشى يىلاننىڭ تۇغۇشىدا مۇنداق ئىنتايىن قىزىقارلىق ئەھۋال بولىدۇ: بەزى چىشى يىلانلار تۇخۇم تۇغىدۇ، بەزىلىرى بىۋاسىتە كىچىك يىلان تۇغىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى، تۇخۇم تۇغىدىغان يىلان تۇخۇمنى بېسىپ يېتىپ يىلان چىقىرىدۇ، بىۋاسىتە يىلان تۇغىدىغان يىلان تۇخۇمنى ئۆز تېنى ئىچىدە تۇرغۇزۇپ يىلان چىقىرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<زوئول> سۆرەلگۈچى ھايۋان. تېنى يۇمىلاق ھەم ئىنچىكە، ئۇزۇن بولىدۇ، تەڭگىچىلىرى بولىدۇ، پۇتى بولمايدۇ. بەزىلىرى زەھەرلىك، بەزىلىرى زەھەرسىز كېلىدۇ.
<ئاستر> 12 مۈچەلنىڭ بىرى، يەنى مۈچەل يىل ھېسابىدىكى ئالتىنچى يىل.
يىلان يىلى