Uyghurئاساسىي لۇغەت
يېڭى يەر ئېچىش
دۇنيا تارىخى
ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ياپونىيىنىڭ تېرىلغۇ يەرنى كېڭەيتىش تەدبرىى. تويوتومى خىدېكىچى يەرلەنرى تەكشۈرگەندە، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى موروماچى شوگنات مەزەىلىگە قارىغاندا 40 پىرسەنت كۆپەيگەن. ئېدونىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە توكوگاۋا شوگناتى ۋە ھەرقايسى ۋاسسال بەگلىرى چوڭ دەريا ۋادىسىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يەر ئاچقان. 1612-يىلى (چىڭچاڭنىڭ 17-يىلى) كانتو يەرلىك ئەمەلدارى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چىقارغان. باشقا جفيلارمۇ ئۇنىڭغا تەقلىد قىلغان. 1722-يىلى (شياڭباۋنىڭ 7-يىلى) شوگنات بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشنى ئشكارا مۇكاپاتلىغان. 1726-يىلى (شياڭباۋنىڭ 11-يىلى) يەرلەرنى تەكشۈرۈش نىزامىنى ئېلان قىلىپ، مەملىكەت بويىچە ئۇنى ئومۇملاشتۇرغان. ئەسلىدىكى تېرىلغۇ يەرلەردىن ئېچىلغانلىرى <يېڭىدىن قوشۇلغان يەرلەر> دەپ، يېڭى ئۆزلەشتۈرۈلگەن بوز يەرلەر <يېڭى بەرپا قىلىنغان يەرلەر> دەپ ئاتالغان. بوز يەرلەرنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاچقاندىن تاشقىرى يېزا - كەنتلەر ئىلتىماس قىلىپ ئاچقان. باي سودىگەرلەر ھۆددىگە ئېلىپ ئاچقان. ئېدو دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدا يەنە بىنام يەر ئېچىشقا كىرىشكەن. يېڭى ئېچىلغان يەردىن ئۈچ يىل باج كەچۈرۈم قىلىنغان. ئاندىن پەيدىنپەي ئىجارە ئېلىنغان.