Uyghurئاساسىي لۇغەت
يېڭى ھايات ئېراسى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
گىئولوگىيە
گېئولوگىيىلىك يىلنامىنىڭ 5 - ئېراسى، 67 مىليون يىل بۇرۇن باشلىنىپ ھازىرغىچە داۋاملاشقان. بۇ ئېرا ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى دەۋر دەپ ئىككى دەۋرگە بۆلۈنىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى ئورگانىزملار ھازىرقى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىدۇ. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، سۈت ئەمگۈچىلەر ئەۋج ئالغان ۋە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئاخىرقى باشقۇچتا ئادەم ئەجدادلىرى پەيدابولغان. ئۆسۈملۈكلەردىن يېيىق ئۇرۇقلار ئاساس قىلىنغان. دۆلىتىمىزنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى يەر قاتلاملىرى ئاساسەن قۇرۇقلۇق تۈسىدىكى چۆكمىلەرنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يۈز بەرگەن يەر پوستى ھەرىكىتى ھىمالايا ھەرىكىتى دېيىلىدۇ. شەرتلىك بەلگىسى K.