Uyghurئاساسىي لۇغەت
يەتتە پەرھىز
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىنجاڭدا قوللىنىلىدىغان ئىسلام ئاتالغۇسى بولۇپ، تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ: (1) كۆز پەرھىزى - باشقىلارنى كۆزگە ئىلماي يۈرمەسلىك؛ (2) قۇلاق پەرھىزى - يامان گەپلەرنى ئاڭلىماسلىق؛ (3) ئېغىز پەرھىزى - باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلماسلىق، ھارام نەرسىلەرنى يېمەسلىك؛ (4) قول پەرھىزى - باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق؛ (5) بېرىش پەرھىزى - باشقىلارغا زىيانلىق يەرگە بارماسلىق؛ (6) خىيال پەرھىزى - كۆرەڭلىمەسلىك، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنىڭ پېيىگە چۈشمەسلىك؛ (7) نىيەت پەرھىزى - ئاداۋەت ساقلىماسلىقلاردىن ئېبارەت بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئىسمائىلىيەلەر چوقۇنىدىغان سان - <يەتتە> نىڭ گەۋدىلەندۈرۈلۈشىدىن ئىبارەت.