Uyghurئاساسىي لۇغەت
يەتمەك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يەتمەك، بارماق؛ ئۇچرىماق، يولۇقماق؛ئېرىشمەك، كەلمەك؛ يېتەرلىك بولماق؛ ھاسىل بولماق؛ كۇپايە قىلماق؛ ئاڭلىماق، ئاڭلانماق؛ چۈشەنمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
كۆزلىگەن نىشانغا، ماكانغا، مەنزىلگە ئۇلاشماق؛ بارماق.
مەنزىلگە يەتمەك. قوغلاپ يەتمەك.
ئويلىغىنى، مۆلچەرلىگىنى ۋاقىت، سان، مىقدار جەھەتتە باب كەلمەك، تەڭ بولماق.
رەھبەرلىك ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، بۇ ناھىيىدە دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ساۋات چىقىرىش نىسبىتى 90 پىرسەنتكە يەتتى.
كۇپايە بولماق، تەمىن ئەتمەك، قامدالماق.
تۇرمۇشقا يەتمەك. ئېھتىياجغا يەتمەك.
كۆپ بولسا كېتەر، ئاز بولسا يېتەر (ماقال).
ھاسىل بولماق، ئەمەلگە ئاشماق، ئورۇندالماق.
ئارمىنىغا يەتمەك. مۇرادىغا يەتمەك.
ئەزمە ئويلانغىچە، تەۋەككۈلچى مەقسىتىگە يېتىپتۇ (ماقال).
ھۇزۇر - ھالاۋەت، پايدا - مەنپەئەت، پۇرسەتكە ئېرىشمەك، ئۇلاشماق.
ئۇلار بۇرۇنقى ئاچ - يالىڭاچ تۇرمۇشتا ئۆلۈپ كەتمەي، بۈگۈنكى بەختلىك كۈنگە يەتتى.
كۆچمە. توسالغۇغا، دەخلى - تەرۇزگە ئۇچرىماق.
مۇشۇ ئارىدا ئالتە مىنۇتتىن ئارتۇق ماشىنا توختاش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، ئىسمىنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا بەلگىلىك تەسىر يەتكەن.
مەلۇم چەك، مەلۇم نۇقتا، مەلۇم دەرىجىگە بارماق، تاقالماق.
بالاغەتكە يەتمەك. ۋايىغا يەتمەك.
ھۆرمەتلىك دوستۇم، نېمە دېسەم بولار؟ مەن ھازىر ساڭا ئوخشاش بەش - ئالتە كادىرغا مائاش بەرگۈدەك ھالغا يەتتىم.
كۆچمە. ئاڭلانماق، مەلۇم بولماق.
بىر كۈنلىرى بۇ سۆز بېرىپ شاھزادىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتۇ.
كۆچمە. ئېسىگە كەلمەك، ئويلاپ تاپماق، ھېس قىلماق.
يادىغا يەتمەك.
يېيىلماق، تارقالماق، ئاڭلانماق.
بۇ ۋەقە ئەمدى شەھەرگە يېتىپتۇ.
قەدىم يىپەك يولى پەقەتلا بارغان بولسا ئىرانغا، رومغا، يەتتى ھازىر بىزنىڭ بۇ گىلەم دېڭىز ئاتلاپ ۋاشىنگىتونغا.
بەزى تۇرغۇن سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ كېلىپ ئانالىتىك پېئىللاشتۇرىدۇ.
ئەجەل يەتمەك. قازا يەتمەك. ئازار يەتمەك.
بىلمەك، چۈشەنمەك.
كىمكى ئۆزىنى تونۇسا، ئۆزىنىڭ قەدرىگە يەتسە، ئۆزىنىڭ كىشىلەر ئۈچۈن، جەمئىيەت ئۈچۈن، تۇرمۇش ئۈچۈن كېرىكى بارلىقىنى ھېس قىلسا، بۇ كۈن - ئۇنىڭ ئەڭ شاد، ئەڭ كۆڭۈللۈك كۈنىدۇر.
دوختۇر بولۇپ خەلقنىڭ شىپا بېرىپ دەردىگە، ئىشلەش ئۈچۈن يېتىمەن، ئىلىم - پەننىڭ قەدرىگە.