Uyghurئاساسىي لۇغەت
يەتكۈرمەك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يەتكۈزمەك، ئۇلاشتۇرماق، ئېرىشتۈرمەك، كەلتۈرمەك؛ كۆرسەتمەك؛ ئېيتماق، خەۋەر بەرمەك، خەۋەر قىلماق:
سەبا بۇ ئەرزى ئەرشىنكىم ئول يارىمغە يەتكۈرگىل،
كى يالغۇزلۇق بەلاسى ئۆرتەگەن زارىمغە يەتكۈرگىل،
فىراقى ئىچرە ئول مەجنۇنى بىمارىمغە يەتكۈرگىل،
كى ئاندىن سەۋتى دىلكەش بۇ مېنىڭ تارىمغە يەتكۈرگىل،
نەۋا تۈرلۈك چېكەي شەمئى شەبىستانىدىن ئايرىلغاچ.
ئەرشى.