Uyghurئاساسىي لۇغەت
يەر شارى
بۈگۈنكى دۇنيا
بىز تۇرۇۋاتقان يەر شارى ئالەم بوشلۇقىدا كېچە - كۈندۈز ئايلىنىپ تۇرىدىغان شارسىمان جىسىم. ئۇنىڭ تاشقى يۈزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى510 مىليون كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە361 مىليون كۋادرات كىلومېتىرى دېڭىز - ئوكيان بولۇپ، يەر شارى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %70 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، قۇرۇقلۇق كۆلىمى (تۇتاش كەتكەن تاغ تىزمىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) پەقەت %30 ئەتراپىدا بولۇپ، تەخمىنەن149 مىليون كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
يەر شارىدا6 مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇس ئولتۇراقلاشقان (2001 - يىلى). بۇنىڭ تۆتتىن بىرى ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە ئولتۇراقلاشقان، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بىرقەدەر باياشات بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى10 مىڭ دوللاردىن ئاشىدۇ؛ نوپۇسنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن ئۈچ قىسمى تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەردە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى1000 دوللارغىمۇ يەتمەيدۇ. تۇرمۇشىمۇ ئانچە باياشات ئەمەس؛ بەزى جايلاردا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق مىللىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى200 دوللارغىمۇ يەتمىگەچكە، تۇرمۇشى تولىمۇ نامرات ئۆتىدۇ.
دۇنيادا ھازىر200 ئەتراپىدا دۆلەت ۋە رايون بار، جايلارنىڭ ئەھۋالى تولىمۇ تەكشىسىز. بەزى دۆلەتلەرنىڭ زېمىنى كەڭ، روسىيىنىڭ يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولۇپ،17 مىليون75 مىڭ400 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، كانادا، جۇڭگو، ئامېرىكىنىڭ يەر كۆلىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا10 مىليون كۋادرات كىلومېتىرغا يېقىنلىشىدۇ، برازىلىيە، ئاۋسترالىيىلەرنىڭ7 مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. لېكىن، بەزى دۆلەتلەر، مەسىلەن، تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى تۇۋالۇ ۋە ناۋرۇنىڭ يەر كۆلىمى تولىمۇ كىچىك بولۇپ، پەقەت20 نەچچە كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
بەزى دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسى ناھايىتى كۆپ، جۇڭگودا1 مىليارد300 مىليون (2000 - يىلى)، ھىندىستاندا1 مىليارد (2003 - يىلى)، ئامېرىكىدا200 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس بار، روسىيە، ھىندۇنېزىيە، ياپونىيە، برازىلىيە، پاكىستانلارنىڭ نوپۇسى100 مىليوندىن ئاشىدۇ. لېكىن بەزى دۆلەتلەر، مەسىلەن، موناكو، ئاندوررالارنىڭ نوپۇسى ناھايىتى ئاز بولۇپ،20 -30 مىڭلا ئادەم بار. ئەمما، تۇۋالۇدا ئاران8400 ئادەم بار. بەزى دۆلەتلەرنىڭ، مەسىلەن، بېنگالنىڭ ئاھالە زىچلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ھەر كۋادرات كىلومېتىرغا500 دىن كۆپ ئادەم توغرا كېلىدۇ. سىنگاپوردا ھەتتا3800 كىشىدىن ئاشىدۇ. بەزى دۆلەتلەرنىڭ، مەسىلەن، بېلگىيە، ئاۋسترالىيىلەرنىڭ ئاھالە زىچلىقى ناھايىتى شالاڭ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۋادرات كىلومېتىرغا بىردىن ئىككىگىچە ئادەم توغرا كېلىدۇ.
بەزى دۆلەتلەر، مەسىلەن، ئەنگلىيە، ياپونىيە، كۇبا، مالتانىڭ ھەممىسى دېڭىز - ئوكيانلارغا جايلاشقان ئارال دۆلەتلىرى؛ بەزى دۆلەتلەر، مەسىلەن، موڭغۇلىيە، شۋېتسارىيە، بولىۋىيە، زامبىيە قاتارلىقلار چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز - ئوكياندىن يىراق ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەتلىرىدۇر. بەزى دۆلەتلەرنىڭ، مەسىلەن، ئىسلاندىيىنىڭ كىلىماتى سوغۇق، يىل بويى ياز بولمايدۇ؛ بەزى دۆلەتلەرنىڭ، مەسىلەن، ئېكۋاتور گۋىنىيسىنىڭ كىلىماتى ئىسسىق، يىل بويى قىش بولمايدۇ. لېكىن، كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ كىلىماتى پەسىل بويىچە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.
قۇياش ئائىلىسى
قۇياش سىستېمىسىدىكى توققۇز چوڭ سەييارە ئىچىدە يەر شارى ھەم ئاددىي بىر ئەزا، ھەم ئاجايىپ بىر يۇلتۇز. يەر شارىدا باشقا سەييارىلەردە مەۋجۇت بولمىغان نۇرغۇنلىغان ئېگىز، ھەيۋەتلىك تاغلار، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريالار ھەم قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن جانلىقلار دۇنياسى … بار.
چوڭ - كىچىكلىكى جەھەتتىن يەر شارى قۇياش سىستېمىسى چوڭ ئائىلىسىدە بەشىنچى ئورۇنغا تىزىلىدۇ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىچە دىئامېتىرى12742 كىلومېتىر كېلىدۇ، يەر شارىنىڭ510 مىليون كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان سىرتقى يۈزىنىڭ %70.8 ى بىپايان دېڭىز - ئوكيانلار بىلەن قاپلانغان، قۇرۇقلۇق ۋە ئاراللار ئاران %29.2 نى ئىگىلىگەن. شۇڭا، ئالەم بوشلۇقىدىن يەر شارىغا نەزەر سالساق، يەر شارىنىڭ ئىنتايىن گۈزەل، كۆك رەڭلىك شار جىسىم ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. يەر شارىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا ئېلىمىزنىڭ شىزاڭ رايونىدىكى چومولاڭما چوققىسى بولۇپ، ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى13 .8848 مېتىر كېلىدۇ. ئەڭ چوڭقۇر دېڭىز چۆكمىسى تىنچ ئوكياندىكى مارىئان دېڭىز چۆكمىسى بولۇپ، چوڭقۇرلۇقى11034 مېتىرغا يېتىدۇ.
يەر شارىنى قېلىن بىر قەۋەت ئاتموسفېرا ئوراپ تۇرىدۇ، ئۇ ئاساسلىق ئازوت ۋە ئوكسىگېندىن تۈزۈلگەن. مىقدارى جەھەتتىن ئازوت %75 نى، ئوكسىگېن 23% نى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئارگون، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى، نېئون، گېلىي قاتارلىق گازلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئاران %2 نى ئىگىلەيدۇ. ئاتموسفېرادا ئوكسىگېن ۋە كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى مەۋجۇت بولغانلىقتىن، يەر شارىدىكى جانلىقلار ھايات كەچۈرەلىگەن.
يەر شارىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى ئۈچ قاتلامغا بۆلۈشكە بولىدۇ. ئەڭ سىرتقى يۈزىدىكى بىر قەۋەت يەر پوستى بولۇپ، ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى4 .21 كىلومېتىر ئەتراپىدا، ھەجىمى يەر شارى ئومۇمىي ھەجىمىنىڭ %0.5 ىنى ئىگىلەيدۇ. يەر پوستىنىڭ ئاستىدا ئارا قاتلام، يەنى مانتىل بار بولۇپ، پۈتكۈل يەر شارى ھەجىمىنىڭ %83.3 ىنى ئىگىلەيدۇ. يەر پوستى بىلەن مانتىل سىلىكات تۇزلىرى تاغ جىنس ماددىلىرىدىن تەركىب تاپقان. بىراق يەر پوستى بىلەن مانتىل، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى ئوتتۇرىسىدا كونكرېت تۈزۈلۈش جەھەتتە يەنە پەرقلەر مەۋجۇت. مانتىلنىڭ ئاستى تەرىپى يەر يادروسى بولۇپ، ئۇ ئىچكى يادرو ۋە سىرتقى يادرودىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلگەن، سىرتقى يادرونىڭ قېلىنلىقى2891 كىلومېتىردىن5149 كىلومېتىرغىچە بولۇپ، سۇيۇق ھالەتتە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئاستى تەرىپىدە قاتتىق ھالەتتىكى ئىچكى يادرو بار. يەر يادروسى مەركىزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى4 -5 مىڭ سېلىسىيە گرادۇس، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى، بېسىم كۈچى3 مىليون500 مىڭ ئاتموسفېرا بېسىمىدىن يۇقىرى دەپ مۆلچەرلەنمەكتە. يەر يادروسى ماددىلىرى ئاساسلىق تۆمۈر، نىكېل قاتارلىق ئېلېمېنتلاردىن تەركىب تاپقان.
يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش دەۋرى بىر يىل، ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى23 سائەت56 مىنۇت بولىدۇ. يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى كېچە - كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ئوقى بىلەن ئۇنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش ئوربىتا تەكشىلىكىنىڭ تىك بولماسلىقى سەۋەبلىك يەر شارىدا تۆت پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يەر شارىدىكى بەش بەلۋاغ (تروپىك بەلۋاغ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي مۆتىدىل بەلۋاغ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي سوغۇق بەلۋاغ) نىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى سېكۇنتىغا8 .29 كىلومېتىر بولىدۇ، بۇ تېزلىك يەر شارىدا ئەڭ تېز ئۇچىدىغان راكېتانىڭ تېزلىكىدىنمۇ كۆپ ئېشىپ كېتىدۇ. قۇياش سىستېمىسىدىكى توققۇز چوڭ سەييارە ئىچىدە مېركۇرىي بىلەن ۋېنېرانى ھېسابقا ئالمىغاندا، يەر شارىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى ئەڭ تېز ھېسابلىنىدۇ. ئەمما يەر شارىنىڭ ئاجايىپ چوڭ گەۋدىسى بىلەن سېلىشتۇرما قىلغاندا، بۇ سۈرئەتنى ئەڭ تېز دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى، يەر شارىنىڭ يەتتە مىنۇتتىن كۆپرەك ۋاقىت ھەرىكەت قىلىپ باسقان مۇساپىسى ئاران يەر شارىنىڭ كەڭلىكى بىلەن تەڭلىشىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئاسترونومىيە
قۇياش سىستېمىسىدىكى قۇياشقا يېقىن ئۈچىنچى پلانېتا. شار شەكلىدە بولۇپ، سەل ياپىلاقراق كېلىدۇ. ئېكۋاتوردىكى رادىئۇسى 63782 كىلومېتىر، قۇتۇپتىكى رادىئۇسى 6356.8 كىلومېتىر، ئۆز ئوقىدا بىر قېتىم ئايلىنىش ۋاقتى بىر كىچە - كۈندۈزگە تەڭ، قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىش ۋاقتى بىر يىل. ئەتراپىنى ھاۋا قەۋىتى ئوراپ تۇرىدۇ. يۈزىدە قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ئىنسانىيەت، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر بولىدۇ. بىر ھەمراھى بار، ئۇ بولسىمۇ ئايدۇر.