Uyghurئاساسىي لۇغەت
يەھۇدىي دىنى
دۇنيا تارىخى
يەھۇدىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن بىر خۇدالىق دىن. مىلادىدىن 1000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ باشلىرىدا، پەلەستىندىكى <پەيغەمبەرلەر ھەرىكىتى> داۋامىدا بارلىققا كېلىشكە باشلىغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىردىكى <بابىلون تۇتقۇنلىرى> مەزگىلىدە ئاساسەن شەكىللەنگەن. مىلادىدىن 538 يىل ئىلگىرى يەھۇدىي <تۇتقۇنلىرى> يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئىلاھ ھاكىمىيىتى تۈزۈمىنى بەرپا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىي دىنى ئاخىرى يەھۇدىيلارنىڭ بىردىنبىر دىنىغا ئايلانغان. يەھۋانى يەھۇدىيلارنىڭ <يېگانە ھەقىقىي خۇدا> سى دەپ ئېتىقاد قىلغان. يەھۇدىيلارنى يەھۋانىڭ <ئالاھىدە تاللىغان بەندىلىرى> دەپ ئاتىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى بىر قانچە يۈز يىل داۋامىدا يەھۋا <مەسېھ> كېلىپ جەبرى - جاپا تارتقان يەھۇدىيلارنى قۇتقۇزۇۋالىدۇ، ۋەھاكازا دېگەننى تەرغىپ قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يەھۇدىي دىنىنىڭ دىنىي ئەمرىمەرۇپلىرى بىلەن دىنىي قائىدىلىرىنى يەنى <مۇسانىڭ ئون پەرھىزى> - ئاساسلىقى <شۈكۈر - قانائەت قىلىش>، ئاتا - ئانىغا ھۆرمەت قىلىش، ئوغرىلىق، شەھۋانىيلىق ۋە قاراملىق قىلماسلىق، باشقىلارنىڭ مال - مۈلكىگە ھېرىس قىلماسىلىقنى مۇسا (بەندىلىرىنى باشلاپ مىسىرغا سەپەرگە چىققان مەزگىلىدە) بەلگىلەپ بەرگەنمىش. ئۇ يەنە بۇتقا چوقۇنۇشنى، تۇڭگۇز گۆشىگە ئوخشاش <مەكرو> يېمەكلىكلىرىنى ئىستېمال قىلىشنى ۋە خەتنە قىلمايدىغان يات مىللەتلەر بىلەن نىكاھلىنىشنى تەھقىق قىلغانمىش. بۇ دىننىڭ كالامى <تەۋرات> بولۇپ، ئۆز ئىچىگە <قانۇننامە> (<مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بەش دەستۇرى)، تەلمود (>پەيغەمبەرنامە<) ۋە >پەيغەمبەر خاتىرىسى< دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈرنى ئالىدۇ. كېيىن خرىستىئان دىنى بۇ دىننىڭ بىر قىسىم دىنىي ئەقىدىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان، ئۇنىڭ >تەۋراتى< نى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ كالامىنى >ئىنجىل< دەپ ئاتىغان. يەھۇدىي دىنى يەھۇدىيلارنىڭ ھاياتى ۋە تارىخىي تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. 12 - ئەسىرنىڭ باشلىرى، ئاز سانلىق يەھۇدىيلار جۇڭگونىڭ كەيفېڭ شەھىرىگە كېلىپ >چېركاۋ< قۇرغان. بۇنى >ئىسرائىل دىنى< (يېۋرېيچەنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئىسرائىلىيىنىڭ غەيرىي تەرجىمە قىلىنىشى) دەپ ئاتىۋالغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
دىن
ئاساسەن يەھۇدىيلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن بىر خىل دىن. تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىردە ياشىغان ھەزرىتى مۇسا تەرىپىدىن تەرغىپ قىلىنغان. مۇقەددەس كىتابى تەۋراتتۇر.