Uyghurئاساسىي لۇغەت
يەھۇدىي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىلى سامائىي تىللىرىغا مەنسۇپ، پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان، كېلىپ چىقىشى ۋە دىنى بىرخىل بولغان گۇرۇپپىلاردىن ئىبارەت بىر مىللەت، ھازىر ئىسرائىلىيىگە توپلىنىشقا ئۇرۇنماقتا.
<يەھۇدىي> ئومۇمىي نام. <جوھۇت> تا كەمسىتىش مەنىسى بار. يەھۇدىي قىساسچىلىرى پۈتۈن ئەرەب دۇنياسىغا تەھلىكە سېلىپ، تاجاۋۇز قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىرقشۇناسلىق
مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار قەدىمدە پەلەستىندە ياشىغان خەلق بولۇپ، ئىسرائىلىيە - يەھۇدىي پادىشاھلىقىنى قۇرغان. بۇ خانلىق كېيىن رىم ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلىپ، ئاھالىسى سىرتقا چېچىلىپ كېتىپ، ياۋروپا، ئامېرىكا، غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىغا تارقاق ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1948 - يىلى بىر قىسىم يەھۇدىيلار ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقى (پەلەستىننىڭ بىر قىسىم رايونلىرى) دا ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرغان.