Uyghurئاساسىي لۇغەت
يازۇق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
گۇناھ، ئەيىب:
نار ياڭاقىڭ ئارزۇسىدا جاننى بىمار ئەيلەمە،
ھېچ يوق ئېركەن يازۇقۇم، مېنى گىرىفتار ئەيلەمە.
سەككاكى.
يازۇقلار غەمكى ئەفۋ ئىشكىن ئاچۇرماق ئىددىئاسىدىن،
لەۋايىھ مەرھەمەت باشقە چېكىپ شاھى جەھان ئاندا.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
<يازىق> قا ئوخشاش. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: نار ياڭاقىڭ ئارزۇسىدا جاننى بىمار ئەيلىمە، ھېچ يوق ئېركەن يازۇقۇم مېنى گىرىپتار ئەيلىمە (سەككاكى). يازۇقسىز - گۇناھسىز، ئەيىبسىز، ئەۋەنسىز؛ يازۇقلادى - خاتالاشتى، گۇناھ ئۆتكۈزدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قانۇن - ئىنتىزام، ئەردەم - ئەھكام، ئەدەب - ئەخلاق، قائىدە - يوسۇنغا خىلاپ ئىش - ھەرىكەت. «تسۇي» خەنزۇچە: 罪
روزىدا گۇناھ يوق، ھەممە گۇناھ باراتتا. ئاڭلىغان قۇلاقتا گۇناھ يوق. ئۆزىنىڭ ئەيىبى ئۆزىگە كۆرۈنمەس. كورنىڭ ئەيىبى كۆزىگە كۆرۈنمەس. كىشى پاراسەتتە كەم بولسا قانچە، ئەيبىنى ئاقلاشقا ماھىردۇر شۇنچە. ئازمىغان جىنايەتتىن خالىي بولار. مەرد بولساڭ، ۋەتەننى قىلغىن ھىمايەت، قان بىلەن يۇيۇلسۇن گۇناھ - جىنايەت. ئالەمنى ياپالىغان جىنايتىنى ياپالار. قىلمىشىغا يارىشا جازا. قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولدۇڭ، يەنە توۋا قىلمايسەن. ئوت تۈتۈنسىز بولماس، ئەر يازۇقسۇز.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يېشىك، يېشىكلىك.
يازۇق ئات _ يېشىكلىك ئات، باغلاقتىن يېشىلىپ كەتكەن ئات. ھەر قانداق نەرسىنىڭ باغلاقتىن يېشىلىپ كېتىشىگە ۋە كىشەندىن بوشاپ كېتىشىگىمۇ مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ.
3 - 19
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يازۇق ئەت _ كۈزدە ھەر خىل دورا - دەرمەكلەر بىلەن قۇرۇتۇپ قويۇلۇپ، ئەتىيازدا يېيىلىدىغان قاق گۆش. بۇ « ياز ئوق يې _ ئەتىيازدىلا يە» دېگەن سۆزدىن ئېلىنغان. چۈنكى، ئەتىيازدا ماللار ئورۇقلايدۇ، مۇشۇنداق گۆشى بار كىشى ئەتىيازدىمۇ سېمىز گۆش يەيدۇ.
3 - 19
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
گۇناھ.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: ئوت تۈتۈنسۈز بولماس يىگىت يازۇقسۇز بولماس _ ئوت تۈتۈنسىز بولماس، يىگىت گۇناھسىز بولماس. يىگىتلەر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ جىمىلەنمەكچى بولغاندا، مۇشۇ سۆز بىلەن ئۇزۇر سورىلىدۇ.
3 - 19