Uyghurئاساسىي لۇغەت
يازماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يازماق، پۈتمەك؛ سىزماق، كۆچۈرمەك:
تارقاتماق، كەتكۈزمەك؛ ھەل قىلماق. چىگىش مەسلىنى؛ يايماق:
خاتالاشماق، گۇناھ قىلماق:
نامە يازماق پىكرى كەچسە خاتىرەڭگە ھەرقاچان،
بىر قارا داغ يىغىلۇر گويا باشىڭغە يار يار.
تەجەللى.
2. ئاچىلپ غۇنچەلەر يازدى ۋەرەقلەر،
ئېرۇر ھەر شاخ ئۆزە لەئل تەبەقلەر.
خىرقەتى.
نە يازدىم، نە يېڭىلىدىم دەرگاھىڭدىن،
ئىلاھا گەر دېدىم شۇكرى سەنانى.
خىرقەتى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
يازماق، پۈتمەك؛ يايماق، تارقاتماق، ئاچماق؛ قارىماق؛ يەشمەك، ھەل قىلماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قەغەز، تاختا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر ئۈستىگە خەت چۈشۈرمەك.
يىراقتىكى دوستلارغا خەت يازدىم. بولغان ئىشلارنى پۈتۈپ قويۇش كېرەك. مېيىپلارغا بەرگەن ياردەم پۇلنى خەتلە. بۇ كىنو سىنارىيىسىنى ئۈچەيلەن يازغان، مەن قەلەم تەۋرەتكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قەغەز ياكى باشقا نەرسە يۈزىگە ھەرپ، رەقەم قاتارلىق بەلگىلەرنى چۈشۈرمەك، يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلىمەك.
نامە يازماق، خەت يازماق، ھېكايە يازماق.