Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياش ئىتالىيە پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
ئىتالىيە ئويغىنىش ھەرىكىتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ مەخپىي تەشكىلاتى. 1831 - يىلى ماززىنى فرانسىيىدىكى مارسېلدا بەرپا قىلغان. ئۇ ئىنقىلابىي يول ئارقىلىق ئىتالىيىنى يات مىللەتنىڭ زۇلمى ئاستىدىن ئازاد قىلىپ، بىرلىككە كەلگەن دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە ئومۇم سايلام ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئوتتۇرا - ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ۋە بىر قىسىم ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى قاتناشقان. مەخپىي ژۇرناللارنى نەشىر قىلىپ، <خۇدا ۋە خەلق ئۈچۈن> دېگەن ھەرىكەت شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تەشكىلات تېز تەرەققىي قىلىپ، كۆپ ئۆتمەي يېرىم ئارالنى پۈتۈنلەي قاپلىغان. 1833 - يىلى ئۇنىڭ ئەزالىرى 60 مىڭ كىشىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ پارتىيىنىڭ رەھبەرلىرى ئابستراكت مىللىي ئۇقۇمنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، كەڭ دېھقانلار ۋە باشقا ئەمگەكچىلەرنىڭ ماددىي مەنپەئىتىگە سەل قاراپ، پومېشچىكلارنىڭ يەرلىرىنى دېھقانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئايلاندۇرۇشنى رەت قىلىپ، ئىنقىلابنىڭ ئاساسىي ئاممىسىدىن ئايرىلىپ قالغان. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىن 40 - يىللىرىغىچە كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ (1833 - يىلى پېمونتتا، 1834 - يىلى ساۋۇييادا، 1841 - 1845 - يىللىرى رىم پاپا دۆلىتىدە، 1844 - يىلى كالابرىيىدە) مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان، لېكىن ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش داۋامىدا زور رول ئوينىغان.