Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياش ئافغانىستانچىلار
دۇنيا تارىخى
ياش ئافغانىستان پارتىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كونا تەرجىمىسى ئۆسمۈر ئافغانىستان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى ئافغانىستاندا مۇستەقىللىك ۋە ئىسلاھاتنى تەشەببۇس قىلغان سىياسىي گۇرۇھ. ئاساسىي ئەزالىرى ياۋروپا تەربىيىسىنى ئالغان زىيالىيلار، سودىگەرلەر ۋە ئەمەلدارلاردىن ئىبارەت. ئەركىنچى پومېشچىكلار ۋە سودا بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلغان. ۋەكىلى ئابدۇل گەننى ۋە مۇھەممەد تاجى. ئۇلار ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكە زۇلمىغا قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش، دېموكراتىك ئىسلاھاتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مۇستەبىت پادىشاھلىققا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئافغانىستاندىكى مىللىي دېموكراتىك ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلغان. 1908 - يىلى باستۇرۇۋېتىلگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئۇلارنىڭ سىياسىي نۇقتىئىنەزەرى كېيىن 1919 - يىلدىكى مۇستەقىللىك ئۇرۇشى (يەنى ئۈچىنچى قېتىملىق ئەنگلىيە - ئافغانىستان ئۇرۇشى) ۋە كېيىنكى ئىچكى ئىشلار ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى بولۇپ قالغان. ئمانۇللا تەختكە چىققان (1919 - يىلى 3 - ئايدا) دىن كېيىن، بۇ گۇرۇھنىڭ مۇھىم ئەزالىرى ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم مەنسەپلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئامانۇللارنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشىغا ۋە مەملىكەت ئىچىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىغا ياردەملەشكەن. 1929 - يىلىدىن كېيىن پارچىلانغان.