Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ياش تۈركىيە پارتىيىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى青年土耳其党
qīng nián tǔ ěr qí dǎng
ياۋروپالىقلارنىڭ تۈركىيە بۇرژۇئا پومېشچىكلىرىنىڭ پارتىيىسى - بىر تۇتاش تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسى (بىر تۇتاش تەرەققىيپەرۋەرلەر جەمئىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى ئاتىشى. 1889 - يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى زىيالىيلار، كىچىك ئەمەلدارلار ۋە ئوفىتسىرلار بولۇپ، دەسلەپكى رەھبىرى ئەخمەد رىزا (1859 - 1930) ئىدى. ئۇلار مۇستەبىت مونارخىيىنى بىكار قىلىپ، ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىينى يولغا قويۇپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساىي ئورنىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىر مەزگىل پارچىلىنىشقا يۈزلەنگەن، 1905 - 1907 - يىللاردىكى روسىيە ئىنقىلابىدىن كېيىن قايتىدىن جانلىنىپ، ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، تەسىر كۈچىنى كېڭەيتكەن. 1908 - 1909 - يىللىرى بۇرژۇئا ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلغاندىن كېيىن ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە، ئىچكى جەھەتتە ئىشچى - دېھقانلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇپ، چوڭ ئوسمانچىلىقنى يولغا قويغان، تاشقى جەھەتتە گېرمانىيىگە مايىل سىياسەتنى يولغا قويغان. 1912 - يىلى ئەنگلىيەپەرەس ئەركىن ماسلاشتۇرغۇچىلار پارتىيىسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغان. 1913 - يىلى قايتىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ، ئىككىنچى يىلى گېرمانىيە - ئاۋسترىيە گۇرۇھىغا ئەزا بولۇپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان، ئۇرۇشتىن كېيىن پارچىلانغان. 1922 - يىلى پائالىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1926 - يىلى بۇ پارتىيىنىڭ رەھبەرلىرى كامالغا قارشى سۈيىقەستكە قاتناشقانلىقتىن باستۇرۋېتىلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.