Uyghurئاساسىي لۇغەت
يارلىقاماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
كەچۈرۈم، مەرھەمەت قىلماق، ئەپۇ قىلماق، گۇناھىدىن كەچمەك. ئۆتمەك:
بارچەنىڭ قىلغان گۇناھىن ئەفۋ قىل،
يارلىقاپ، لۇتف ئەيلەپ ئازاد ئەيلەگىل.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
يارىلقىماق، كەچۈرمەك، ئەپۇ قىلماق، رەھىم قىلماق، مەغپىرەت قىلماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىپەرۋالىق، ئەدەبسىزلىك ۋە ياكى خاتالىقنى كۆڭۈلگە ئالماسلىق، ئەيىبلىمەسلىك ياكى جازالىماسلىق.
سەن يامان كۆرىدىغاننى كەچۈر، سېنى يامان كۆرىدىغاننى كەچۈرمە. كەمچىلىك مەندىن كەچۈرۈش سەندىن. ئەپۇ قىلىش - ئائىلىنىڭ بەختلىك بولۇشنىڭ شىپالىق دورىسى. دوستىنىڭ كەمچىلىكىنى ئەپۇ قىلىش - گۈزەل ئەخلاق.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
① يارلىق چۈشۈرمەك، بۇيرۇق قىلماق؛ ② ئىلتىپات قىلماق