Uyghurئاساسىي لۇغەت
يارگۈل
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يار + گۈل
ئىسىم
بوتانىكا
ئېيىقتاپان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆsۈملۈك. پۈتۈن تېنىدە ئاق تۈكلەر بولىدۇ، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسۈپ، ئالىقانسىمان يېرىلىدۇ. گۈلى ئومۇم گۈل رېتىدە، گۈل تاجى كىچىك، گۈل كاسسىسى گۈل تاجى شەكلىدە، كۆكۈچ سۆسۈن، ئاچ قىزىل ياكى ئاق رەڭلەردە بولىدۇ. كۆرۈنۈشى ئۇچۇۋاتقان قۇشقا ئوىشايدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك ېنى دورا قىلىنىدۇ، ئىسسىقنى بېسىش، ئاغرىق توختىتىش، قۇرت ئۆلتۈرۈش رولى بار.