Uyghurئاساسىي لۇغەت
يارا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
چاقا، جاراھەت.
ئاشقازان يارىسى. *يارىلانماق. * يارىدار. * يارا بولماق، يارا چىقماق. * يارىسىغا تۈز سەپمەك.* پىچاق يارىسى ساقىيار، دىل يارىسى ساقايماس (ماقال). * ئىت يارىسىنى يالاپ ساقايتىدۇ (تەمسىل).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
يارىماق.1. ياقماق، يېقىپ قالماق.
ئۆزىگە يارىغان ئۆزگىگە يارار (ماقال). * خانغا يارىغان بېشىم، تازغا يارىماپتۇ (ماقال). * گۈلنىڭ سېسىشى پاقىغا ياراپتۇ (تەمسىل). * قىز يىگىتكە ياراپتۇ.
2. ئەسقاتماق، ئەرزىمەك. ئۇ بالا يارايدۇ. * بۇ مال پۇلغا يارايدۇ. * دەل چۈشكەن باھانە ئىشقا يارار (ماقال).
ئىشقا ياراپ قالسا ئىلمىڭ بىر مۇددەت،
يەنە ئاشۇرۇشقا قىلغىن سەن شىددەت.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۈچ، قۇۋۋەت، مادار؛ ئىلاج؛ تاقەت، ياردەم:
= يەرا:
1. بۇ ئوتدىن سۇۋ بولۇپ خاراسى ئانىڭ،
ۋەلې يوق سورغالى ياراسى ئانىڭ.
نەۋايى.
2. ھەر نەزەر قىلغاندا تەگدى كۆڭلۈمە مىڭ يەردە ئوق،
بىر ھەدەفنىڭ خەستە كۆڭلۈمدە ياراسى بارمىكىن.
گۇمنام.
كىمگە ئايتاي بۇ ماجەرانى،
كۆڭلۈمداغى دام يارانى.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يۈرەك، كۈچ، قۇۋۋەت؛ قابىلىيەت؛ باتۇرلۇق، دادىللىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىغدىن، قاتتىق ئۇرۇلۇشتىن، ماددا ئالماشتۇرۇشنىڭ بۇزۇلۇشىدىن بولىدىغان شىكەستە.
<يېغىر> ئات - ئۇلاققا قارىتا ئېيتىلغان.
قول يارىسى كېتەر، دىل يارىسى كەتمەس. ئۇنىڭ يارىسىغا تەگمە. يارىسىغا تۇز سەپمە. جاراھەتنىڭ ئاغرىقى جاننى ئاېلىپ، جاڭگالدا قويىدۇ. چاقاڭ ساقايغۇچە چالۋاقىما. قېتىقنىڭ ئىچى زىدە، گالۋاڭنىڭ بېشى زىدە. كۈچلۈكلەردىن زەخمەت يېمەي دېسەڭ، كۈچسىزلەرگە پايدا يەتكۈز. توختى ئاخۇننىڭ ئېتى ئېگەر غاجىلاپ يېغىر بوپ قاپتۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
مۈرە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<تېب> تىغدىن، قاتتىق زەربىدىن ياكى بادەندىكى ماددا ئالمىشىش ھەرىكىتىنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن بەدەندە پەيدا بولىدىغان جاراھەت، زەخىم.
يارا چىقماق، يارا بولماق.
ئۇكىسىنىڭ ئايالى بالىسىنى يوقاتقاندىن كېيىن كېچە - كۈندۈز يىغلاپ يۈز - كۆزىنى تاتىلاپ يارا قىلىۋېتىپتۇ.
كۆچمە. كۈچلۈك قايغۇ، روھىي ئازاب، ئەلەم، غەم؛ ھەسرەت.
ئانا قىزىنىڭ بەختسىزلىكىنى ئويلىسا كونا يۈرەك يارىسى يەنە قوزغىلاتتى.