Uyghurئاساسىي لۇغەت
يار
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
دوست، ئاشنا، ئويناش، ئاداش، مەشۇق.
يارۇبۇرادەرلەر. * يارنى ئەينەكتىن قاراڭ. * يار تاپقاندا گەپ يوق، گەپ تاپقاندا يار (ماقال). * بىر يۈرەككە ئىككى يار سىغماس (ماقال). * سۆيگەن يارىم سەن بولساڭ، كۆرىدىغان كۈنۈم نېمە بولار (ماقال).*
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
سۇ يالاپ ياكى تەبىئىي ھادىسىلەردىن ھاسىل بولغان تىك يەر.
تىك يار. * يار بويىغا بېرىپ قالماق. * قارىغۇنى ياردا قىستاپتۇ (ماقال). * يېغىدىن يار بويى قاچ (ماقال). * ياردىن غۇلىساڭمۇ ياۋغا بوي بەرمە (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يۆلەك.
يار بولماق.* جاھاندا بار بولساڭ، يار بول (ماقال).* دادىلغا بەخت يار بولار (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئىمكانىيەت، رۇخسەت.
ۋاقىت يار بەرسە، ئەتە بارىمەن.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
يارماق، يېرىش. پارچىلىماق، بۆلمەك.
ئۇتۇن يارماق. * يېرىق، يارما. * دۈشمەن سېپىلگە يېرىپ كىرمەك. * توغرا سۆز تاش يارىدۇ، ئەگرى سۆز باش (ماقال). * بۆرە يارىدۇ، قاغا چوقۇيدۇ (ماقال). * ئەقىل تاشنى يارىدۇ، ھارام باشنى (ماقال). * يارىم، يۈرىكىمنى يېرىپ بېرەيمۇ؟
ئېيىق گۇناھكار، كالىنى يارغان،
كالا گۇناھكار، ئورمانغا بارغان.
« يار» دىن بىر تۇيۇق:
يوق قىيان كەلگەندە ئۆرۈلمەيدىغان تىك يار، بالام،
سەن گوياكى سەل بولۇپ، ئۆتكەل - توسۇقنى يار، بالام.
بولسا يار خالىس نىيەت، مەردانلىق خىسلەت ساڭا،
باغرىنى ئاچقاي قەلەمقاش، ئاھۇ كۆزلۈك يار، بالام.
- مەمتىلى زۇنۇن.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يار، دوت، ھەمراھ؛ مەھبۇبە سۆيگىنى:
يار ئەمەس دەرمانىدە بولغان چاغ ساڭا يار ئولماسا،
كىم يىقىلغاندا تۇتۇپ ئىلكىڭ مەدەتكار ئولماسا.
زەلىلى.
يار ئەكسىن ئەرشىدە كۆرگەچمۇ بولدى باغ ئارا،
سارغارىپ گەھى قىزارىپ نەستەرىن شەرمەندەسى.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
دوست، يولداش، مەھبۇب، مەشۇق؛ ياردەمچى؛ چاھار يار - تۆت دوست.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېغىز بوشلىقىدا پەيدا بولىدىغان شىللىق سۇيۇقلۇق.
ئىت ئۇستىخان غاجىغان يەرگە شۆلگىيىنى ئېقىتىدۇ. ئىشچاندىن تەر ئاقار، ئېرىنچەكتىن شال. ھەسەتخورنىڭ ئاغزىدىن سېرىقسۇ قۇرۇمايدۇ. بولدى، شالدىمىڭنى ئېقىتما، مەن سېنى بىلىمەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تاغۇ تاشلار ۋە سۇ بويىنىڭ ئۇيۇلۇپ كەتكەن يېرى.
<ھاڭ> بەك چوڭقۇر ئويۇلغان يەر.
<گىلاڭ> قۇمۇل شېۋىسىدە <تىك يار>.
<ئۇچۇرۇم>، <ئۇچما> لار ئەڭ خەتەرلىك چوققا.
ياردىن غۇلىساڭمۇ ياۋغا بوي بەرمە. يارنى چىم بېكتىدۇ. تىڭ قىياغا مىڭ يىل قاراپ تۇرساڭمۇ ئۇنىڭدىن بىرەر يوچۇق پەيدا بولمايدۇ. جاپا - مۇشەققەت تالانت ئىگىلىرى ئۈچۈن پەلەمپەي، قاۋۇللار ئۈچۈن دۆلەت، ئاجىزلار ئۈچۈن تېگى يوق ھاڭدۇر. ئالدىمىزدىكى يارداڭدىن ساق - سالامەت ئۆتسەڭ، ئۇ تەرىپى تۈز يول.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆڭۈل سۆيگەن كىشى، بىر - بىرىگە كۆيگەن ئىككى تەرەپنىڭ بىرى.
<ئاشنا>، <ئاداش> كۆپىنچە خوتۇنلۇق ئەر ياكى ئەرلىك خوتۇن ياكى بويتاق، تۇل ئەر - ئاياللاردىن بىر - بىرىگە كۆڭۈل بەرگەنلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
<دىلبەر>، <دىلدار>، <دىلرەبا> لار كىتابىي سۆزلەر، كلاس
بىر قول ئىككى ئىشنى قىلالماس زىنھار، بىر دىلغا سىغمايدۇ ھەرگىز ئىككى يار. يرىم چىقتى تالاغا، مېنى قويدى بالاغا. ئىككى ئالەمدە مېنىڭ نىگارىم بولسا يېنىمدا، بەس؛ يا بېھىش، دوزاخ، يا ھۈرۇ غۇلمان كېرەك ئەمەس. جاندىن كەچمىگۈچە، جانانغا يەتكىلى بولماس. ئاشناڭغا ئىشىنىپ، ئەرسىز قالما. ئاداش تاپتىم بازاردىن، خالاس بولدۇم قازادىن. باشقا تۈگمەن تېشى كەلگەندە ھەتتا، دىلبىرىدىن قايتسا دىل ئەمەس ئەسلا. دىلى كۆيگەنگە دىلرەبا بول.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خەيرخاھ؛ ياردەملەشكۈچى، يۆلىگۈچى.
دادىلغا بەخت يار. يارىم يار بولسا، ھېچنېمىدىن قورقمايمەن. يىقىلغانغا يۆلەك بول. يار قېشىمدا ئولتۇرسا، تاغدەك يۆلەك ئەمەسمۇ، ئاغزىدا دېگەن بىلەن، كۆڭلى بۆلەك ئەمەسمۇ. بۇ بوستاندا دوستلار بولمىسا تىرەك، نېسىپ بولماس، مەقسەت گۈلىنى تەرمەك. تايانچ تاپتىم تالادىن، قۇتۇلۇپ قالدىم بالادىن. ئەر قانىتى - ئات.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
شۆلگەي، شال.
ئانىڭ يارى ئاقتى _ ئۇنىڭ شۆلگىيى ئاقتى.
3 - 2
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يار.
3 - 194
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يىرىڭ، جاراھەت، يارا
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
شور تۇز، تاش ھالىتىدىكى تۇز
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كۆپۈك؛
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يەرنامى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئەڭ يېقىن كىشى؛ دوست، بۇرادەر، ئاغىنە.
مەدەتكار بولاي، زۇلپىقار بويلا، بىر يولى دوستلار، يارغا يار بولاي.
ئۆزئارا تونۇشقان، مۇھەببەتلەشكەن؛ مەشۇق (قىز - يىگىت ھەققىدە).
ۋاپادار يار، يارنى كۈتمەك.
يارنى تاپقاندا گەپ يوق، گەپنى تاپقاندا يار يوق (ماقال).
يار ئوتىنىڭ يارىسى يوق، ياردىن باشقا دورىسى يوق (ماقال).
كۆچمە. مەدەت، ئىلھام، يار - يۆلەك.
قىيىن كۈنلەردە ئۇ ماڭا يار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سۈۋە. تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن شەكىللەنگەن ئىنتايىن تىك چوڭقۇرلۇق؛ يارداڭ، قىيا.
يارئېلىپ كەتمەك.
بىتەلەيگە سۇ كەلسە، ئاللاكۇدىن يار كەتتى (ماقال).
يامان كالا يازدا مۇزلاپتۇ (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
«يار بەرمەك» كە قاراڭ.