Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياپونىيە خاتىرىسىنىڭ داۋامى
دائىرە: دۇنيا تارىخىياپونىيىنىڭ تارىخ كىتابى. <ياپونىيە خاتىرىسى> دىن كېيىن، خاننىڭ يارلىقى بىلەن يېزىلىپ، فۇجىۋارا ئوتسۇگو قاتارلىقلار تۈزۈپ چىققان. مىلادى 797 - يىلى (يەنلىنىڭ 16 - يىلى) يېزىلىپ پۈتكەن. خەنزۇ يېزىقىدا، 40 توملۇق. 697 - يىلى (تېننو ۋېنۋۇنىڭ تەختكە چىقىشى) دىن 791 - يىلى (تېننو خېڭۋۇنىڭ يەنلى 10 - يىلى) غىچە، جەمئىي 95 يىل ئىچىدە ئۆتكەن توققۇز ئەۋلاد تېننونىڭ تارىخى بايان قىلىنغان. خاتىرىلەنگەن ئىشلار <ياپون خاتىرىسى> گە قارىغاندا تەپسىلىي ۋە ھەقىقىي بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇنلىغان تەكرارلىنىش ۋە تىزىش خاتارلىقى بار. نارا دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي، سىياسىينى تەتقىق قىلىشتا، ئاساسلىق تارىخىي ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.