Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياپونىيە ئامېرىكا دوستلۇق سودا شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا تۈزگەن پورتلارنى ئېچىپ، سودا قىلىش شەرتنامىسى. ئانسېي بەش دۆلەت شەرتنامىلىرىنىڭ بىرى. <ياپونىيە - ئامېرىكا يارىشىش شەرتنامىسى> ئىمزالانغاندىن كېيىن، 1856 - يىلى ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى خاررىس ياپونىيىنىڭ شىمودا دېگەن يېرىگە كەلگەن، ئىككىنچى يىلى ئېدوغا بېرىپ، سىياگۇن توكۇگاۋا ئېسادانى زىيارەت قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سودا شەرتنامىسى تۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. ئۇزاق سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، 1858 - يىل 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى بۇ شەرتنامە ئىمزالانغان. جەمئىي 14 ماددا بولۇپ، قوشۇمچە سودا نىزامنامىسى يەتتە ئىدى. شەرتنامىگە ئاساسەن، شىمودا، ھاكوداتې پورتلىرىدىن باشقا، ياپونىيە كاناگاۋا، ناگاساكى، نىئىگاتا، خىيوگودىن ئىبارەت تۆت پورت (كاناگاۋا ئالتە ئاي ئېچىپ بېرىلگەندىن كېيىن، شىمودا پورتى ئېتىۋېتىلىدۇ) ۋە ئوساكا ھەمدە ئېدو شەھىرىنى كۆپەيتىپ ئېچىپ بېرىش؛ ئامېرىكىلىقلار ياپونىيىلىكلەر بىلەن ئەركىن سودا قىلىش، ياپونىيە ئەمەلدارى ئارىلاشماسلىق، ياپونىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئامېرىكىلىقلار دىنغا ئەركىن ئېتىقاد قىلىش، مۇۋاپىق جايغا چېركاۋ سېلىش ھوقۇقى بولۇش؛ ياپونىيە جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان ئامېرىكىلىقلارنى ئامېرىكا كونسۇل سوتى سوتلاپ، ئامېرىكا قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش؛ ئېكسپورت قىلىنىدىغان ياپونىيە مالىرىدىن 5 پىرسەنت باج ئېلىش، ئىمپورت قىلىنىدىغان ئامېرىكا ماللىرى ئىچىدە ھاراق تۈرلىرىدىن 35 پىرسەنت باج ئالغاندىن باشقا، قالغانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدىن پەقەت 5 پىرسەنت باج ئېلىش. شۇ يىلى 8 - 10 - ئايلاردا، ياپونىيە يەنە ئىلگىرى - كېيىن گوللاندىيە، روسىيە، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە بىلەن مەزمونى مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان شەرتنامىلەرنى ئىمزالىغان. بۇ شەرتنامىلەر ياپونىيىنى يېرىم مۇستەملىكە گىردابىغا ئېلىپ بېرىپ، ياپونىيىنىڭ تېىننونى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرن چەتكە قېقىش ھەرىكىتىنى كەسكىنلەشتۈرگەن.