Uyghurئاساسىي لۇغەت
يالتا كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
تولۇق ناماى <ئۈچ دۆلەتنىڭ يىراق شەرق مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمى>. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرى 1945 - يىلى 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى يالتا يىغىنىدا ئىمزالىغان مەخپىي كېلىشىم بولۇپ، ئاساسىي مەزمونى: ياۋروپا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ ئىككى ياكى ئۈچ ئاي ئىچىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ، ئۇنىڭ شەرتى: (1) تاشقى موڭغۇلىيە (موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى) نىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش؛ (2) روسىيىنىڭ 1904 - يىلى ياپونىيىنىڭ ۋاپاسىزلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە بۇزغۈنچىلىققا ئۇچرىغان ئىلگىرىكى مەنپەئىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ لۈيشۈنكۇ (پورتئاتور) سودا پورتى خەلقئارالاشتۇرۇلىدۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى لۈيشۈنكۇنى ئىجارىگە ئېلىپ دېڭىز ئارمىيە پورتى قىلىدۇ، مانجۇرىيە تۆمۈر يولىنى جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئورتاق باشقۇرىدۇ، ۋەھاكازالار؛ (3) چىشىماچو تاقىم ئاراللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ، دېگەنلەردىن ئىبارەت بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى يەنە جۇڭگونىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن دوستلۇق - ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى ئىمزالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى مانجۇرىيە تۆمۈر يولى ۋە لۈيشۈنكۇ دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگوغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.