Uyghurئاساسىي لۇغەت
يالتا يىغىنى
خەلقئارا يىغىنلار
يالتا يىغىنى2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئەڭ مۇھىم خەلقئارا يىغىن بولدى. يىغىن1945 - يىلى2 - ئاينىڭ4 - كۈنىدىن12 - كۈنىگىچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى يالتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرىدىن چېرچىل، روزۋېلت ۋە ستالىنلار قاتناشتى.
يالتا يىغىنى ئېچىلغاندا، ياۋروپادىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشقا ئازلا قالغانىدى. ئۈچ چوڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بۇ چاغدىكى دىققەت - ئېتىبارىنىڭ تۈگۈنى ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيانى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدى. ئۈچ دۆلەت پرىنسىپ جەھەتتە گېرمانىيىنى بۆلۈشۈۋېلىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، ئۇرۇشتىن كېيىن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ گېرمانىيىنى رايونلارغا ئايرىپ ئىگىلىۋالىدىغانلىقىنى قارار قىلدى. پولشا ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەش مەسىلىسىدە، لۇبلىن ھۆكۈمىتىگە پايدىلىق كېلىشىم ھاسىل قىلدى، يەنى لۇبېلىن ھۆكۈمىتى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ئېلىپ بېرىپ، سەرگەردان ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى ئۇنىڭغا قاتناشتۇردى. پولشانىڭ چېگرىسى توغرىسىدا، ئۇنىڭ شەرقىي چېگرىسىنى سوۋېتقا پايدىلىق قىلىپ ئۆزگەرتتى، لېكىن ئۇنىڭ غەربىي چېگرىسىنى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان گېرمانىيە تەرەپتىن تولۇقلىۋالدى.
يىغىندا يەنە »ئازاد قىلىنغان ياۋروپا توغرىسىدا خىتابنامە« ماقۇللىنىپ، ھەرقايسى ئەللەر خەلقىنىڭ ئۆز تاللىشىغا ئاساسەن، ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنى دېموكراتىك ئۇسۇلدا ھەل قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى جاكارلاندى.
يىغىن مەزگىلىدە،2 - ئاينىڭ11 - كۈنى ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى يىراق شەرق مەسىلىسى توغرىسىدا يالتا مەخپىي كېلىشىمى ھاسىل قىلدى. زۇڭتۇڭ روزۋېلت ئاتوم بومبىسىنى ناھايىتى تېزلا ياساپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى ھەمدە ئۇرۇشقا ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمىدى. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تىنچ ئوكيان جەڭ مەيدانىدىكى تالاپىتىنى ئازايتىش ھەمدە ئۇرۇشنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەسكەر چىقىرىپ ياپونغا قارشى ئۇرۇش قىلىشىنى جىددىي ئۈمىد قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىش سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەسكەر چىقىرىشىنىڭ شەرتى قىلىندى. ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى مۇرەسسە ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە بىلەن ئىمزالىغان مەخپىي كېلىشىمدە: ياۋروپا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى2 -3 ئاي ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشى شەرت قىلىنىدۇ؛ تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ساقلاپ قېلىنىدۇ؛ داليەن پورتى خەلقئارالاشتۇرۇلىدۇ؛ سوۋېت ئىتتىپاقى لۈشۇننى ئىجارە ئېلىپ، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بازىسى قىلىدۇ؛ ئوتتۇرا شەرق ۋە جەنۇبىي مانجۇرىيە تۆمۈريولىنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو بىرلىكتە باشقۇرىدۇ؛ ساخالىن ئارىلىنىڭ جەنۇبى ۋە كۇرىل تاقىم ئارىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. بۇ كېلىشىم جۇڭگونىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر دەرىجىدە دەخلى - تەرۇز قىلدى. كېلىشىم ئىمزالىنىپ تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۇنىڭ مەزمۇنىنى شۇ چاغدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇنى رەت قىلدى. ستالىن ئاخىردا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قوللىماي، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى جۇڭگودىكى بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت دەپ ئېتىراپ قىلىشنى شەرت قىلىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالدى.
يالتا يىغىنى گېرمانىيىنى جازالاش، ياپونىيىنى مەغلۇپ قىلىش، شۇنىڭدەك ئۇرۇشتىن كېيىن خەلقئارا تەشكىلات قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىجابىي رول ئوينىغان بولسىمۇ، ئۇرۇشتىن كېيىن دۇنيانىڭ ئىككى چوڭ گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كېتىشى، شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى قوزغايدىغان يالتا تۈزۈلمىسى ئەندىزىسىنى بەلگىلىدى.
دۇنيا تارىخى
يەنە قىرىم يىغىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1945 - يىلى 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرىدىن ستالىن، روزۋېلت ۋە چېرچىللار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرىم ئارىلىدىكى يالتادا ئۆتكۈزگەن. يىغىننىڭ مەزمونى: (1) گېرمانىيىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى. گېرمانىيىنى رايونلارغا بۆلۈپ ئىشغال قىلىش، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر مەركىزىي ئىدارە قىلىش كومىتېتىنى تەسىس قىلىپ، ماسلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى ئېلىپ بېرىش، تۆلەم كومىتېتىنى تەسىس قىلىپ، گېرمانىيىنىڭ تۆلەم مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش قارار قىلىنغان. (2) پولشا مەسىلىسى. پولشانىڭ چېگرىسى بېكىتىلىپ، لوبېسكا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئاساسىدا، پولشا ۋاقىتلىق بىرلەشكەن ھۆكۈمەت قۇرۇش قارار قىلىنغان. (3) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەسىلىسى. 1945 - يىلى 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سان - فرانسىسكودا ب د ت يىغىنىنى ئېچىش قارار قىلىنىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قاتنىشىدىغان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىردەك پرىنسىپى بېكىتىلگەن. (4) يىراق شەرق مەسىلىسى. سوۋېت ئىتتىپاقى ياۋروپا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ ئىككى - ئۈچ ئاي ئىچىدە ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا ماقۇل بولغان. يىغىندا يەنە يۇگوسلاۋىيە مەسىلىسى، ئۈچ دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ۋە ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى قايتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مۇھاكىمە قىلىنغان. ئەڭ ئاخىرىدا <يالتا كېلىشىمى> ئىمزالانغان ھەمدە <قىرىم باياناتى> ئېلان قىلىنغان.