Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياللۇغلانماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تېبابەت
ئورگانىزم كۈچلۈك غىدىقلانغاندىن كېيىن شۇ جايدا رېئاكسىيە ھادىسىسى كۆرۈلمەك.
ئورگانىزمنى مىكرو ئورگانىزملار، پارازىت، قۇرت، تاشقى جاراھەت ۋە فىزىكا - خىمىيىلىك ئامىل قاتارلىق ھەر خىل زىيانلىق ئامىللار غىدىقلىغاندا ئورگانىزمنىڭ قىسمەن جايىدا رېئاكسىيە قايتۇرۇشتىن ئىبارەت مۇداپىئە كۆرۈش خاراكتېرلىك رېئاكسىيە يۈز بەرمەك. بۇنىڭدا، قىسمەن ئورۇندا قىزىرىش، ئىششىش، قىزىش، ئاغرىش ۋە فۇنكسىيە توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. پۈتۈن بەدەندە ئاق قان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىپ كېتىش ۋە بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ ياندىشىپ كېلىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدىكى ياللۇغلىنىش قايتما بولىدۇ. ۋاقتىدا داۋالىسا تامامەن ئەسلىگە قايتىدۇ.