Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياللاش ياكى ئىجارە پۈتۈمى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى سودا - سېتىق پۈتۈملىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ مەزمونى ئەمگەك كۈچى ياللاش ۋە ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە بۇيۇملارنى ئىجارىگە بېرىش - ئىجارىگە ئېلىشقا چېتىلىپ، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز لايىقىدا بەلگىلىمىلىرى بولىدۇ. بۇ خىل سودا ئەنئەنە جەھەتتە تاۋار سودىسى، دەپ قارالغاچقا، ئۇ ھەقتىكى پۈتۈملۈك سودا - سېتىق پۈتۈمنىڭ ئالاھىدە شەكلىك دەپ ھېسابلىنىدۇ. ئاساسىي پرىنسىپ شۇكى، ياللىغۇچى ياكى ئىجارىگە ئالغۇچى پۈتۈشكەندىن كېيىن، ياللانغۇچىدا ياكى ئىجارىگە بېرىلگەن بۇيۇمدا نۇقسان بارلىقىنى ياكى ئەھدىەە خىلاپ ھەرىكەت بارلىقىنى بىلسە، پۈتۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىشكە بولىدۇ. پۈتۈن تۈزگەن ئىككى تەرەپنىڭ بىرى ئۆلۈپ كەتسە، پۈتۈم ئۆزلۈكىدىن ئەمەلدىن قالىدۇ.