Uyghurئاساسىي لۇغەت
يالجىماق
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
ئىلگىرى كەلمەك، روناق تاپماق. يالغانچى يالجىماس، ئوغرى بېيىماس (ماقال).
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
زېرىكمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بەرىكەت تاپماق، ئىلگىرى كەلمەك، روناق تاپماق، تەرەققىي قىلماق.
يالغانچى يالجىماس، ئوغرى بېيىماس (ماقال).
ئالدىرىغان قىز ئەردە يالجىماپتۇ (ماقال).
يالجىمىساڭ يەر يۆتكە (ماقال).
مىقدارى، ھەجمى كۆپەيمەك، ئۇلغايماق، زورايماق، ئاشماق، ئۆرلىمەك (ئوت ھەققىدە).
ئوتۇڭ يالجىپ كۆيدۈرىدۇ يۈرەكنى، كۆيگەن يۈرەك بىر تۇتمىدى بىلەكنى، رەھىم قىلسا خۇدا مەندەك غېرىبقا، يېقىن قىلار يىراقتىكى تىلەكنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
دىئال. زېرىكمەك.