يالجىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بەرىكەت تاپماق، ئىلگىرى كەلمەك، روناق تاپماق، تەرەققىي قىلماق:[مىسال:] يالغانچى يالجىماس، ئوغرى بېيىماس (ماقال). * ئالدىرىغان قىز ئەردە يالجىماپتۇ (ماقال). * يالجىمىساڭ يەر يۆتكە (ماقال).[يەشمىسى:] ② مىقدارى، ھەجمى كۆپەيمەك، ئۇلغايماق، زورايماق، ئاشماق، ئۆرلىمەك (ئوت ھەققىدە):[مىسال:] ئوتۇڭ يالجىپ كۆيدۈرىدۇ يۈرەكنى، كۆيگەن يۈرەك بىر تۇتمىدى بىلەكنى. رەھىم قىلسا خۇدا مەندەك غېرىبقا، يېقىن قىلار يىراقتىكى تىلەكنى.