Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياغۇتتى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يېقىنلاشتۇردى، يېقىنلاتتى؛ كەلتۈردى.
ئول ئاتىغ ماڭا ياغۇتتى _ ئۇ ئاتنى ماڭا يېقىنلاتتى، كەلتۈردى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق ( ياغۇتۇر _ ياغۇتماق). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
كەلسە ئۇما تۈشۈرگىل تىنسۇن ئانىڭ ئارۇقلۇق
ئارچا سامان ياغۇتغىل بۇلسۇن ئاتى يارۇقلۇق
«مېھمان كەلسە چۈشۈرگىن، ئۇنىڭ ھاردۇقى چىقسۇن،
ئارپا، سامان كەلتۈرگىن، ئېتى يالتىراپ كەتسۇن (راھەت تاپسۇن)»
مېھمان كەلسە چۈشۈرۈپ قوندۇرغىن، ئۇنىڭ ھاردۇقى چىقسۇن، ئارپا - ساماننى ئېتىنىڭ يېنىغا ئەكېلىپ قوي، ئېتىمۇ راھەت ئالسۇن.
2 - 462