Uyghurئاساسىي لۇغەت
ياغى
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئىتائەرسىز، بويسۇنمىغۇچى؛ دۈشمەن، ياۋ:
ئايتتى گۈل، قويۇڭ بۇ ھەرزە سۆزنى،
زەبۇن ئەتمەك نېدۇر ياغىغا ئۆزنى.
لۇتقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
يېغى، ئۇرۇش، توپىلاڭ، قوزغىلاڭ؛ دۈشمەن، ئىسيانچى، قوزغىلاڭچى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يېغا، دۈشمەن.
3 - 29
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تارس. دۈشمەن.
— سامانىيلار بىزگە ياغى تۇرسا، ئۇ ياقتىن بىزگە ياخشىلىق كېلەرمۇ؟— دېدى سۇتۇق بىر ئاز چۆچۈنگەن ھالدا قوشۇمىسىنى تۈرۈپ.