Uyghurئاساسىي لۇغەت
يادرو پلازمىسى
بىئولوگىيە
سىتوپلازمىدىكى سۈزۈك پروتوپلازما ئاساسىي ماددىسى بولۇپ، بويالمايدۇ ياكى ناھايىتى سۇس بويىلىدۇ. تىرىك ھۈجەيرىلەردە يېرىم قاتتىق ماددا ھالەتتە (يېلىمسىمان) ياكى ئېرىتمە ھالەتتە (كوللوئىدسىمان) بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە خروموسوما بىلەن يادرو مېغىزى (يادروچاق) لەيلەپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ خىمىيىلىك تەركىبى تېخى ئېنىق ئەمەس. ئېلېكترون مىكروسكوپتا ئېلىنغان رەسىمگە ئاساسلانغاندا بۇ ئاساسىي ماددىنىڭ تەركىبىدە شەكلى ئوخشاش بولمىغان رەتسىز ئېنزىملار بولىدۇ، خىمىيىلىك تەركىبىدە بولسا ئاساسەن ئاقسىل، ئاز ساندىكى RNA ۋە خىلمۇ خىل ئېنزىملار بولىدۇ.