Uyghurئاساسىي لۇغەت
يادرو بۆلۈنۈش
بىئولوگىيە
ھۈجەيرە يادروسىنىڭ بۆلۈنۈش ھەرىكىتى ئادەتتە يىپلىق بۆلۈنۈشنىڭ بايان قىلىنىشى ئاساسەن يادرونىڭ بۆلۈنۈشىگە قارىتا ئېيتىلىدۇ. نورمال بولغان يىپلىق بۆلۈنۈش يادرونىڭ بۆلۈنۈشى ۋە سىتوپلازمىنىڭ بۆلۈنۈشىدىن ئىبارەت تۇتاش ئىككى باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خروموسومىلارنىڭ ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن يادرونىڭ بۆلۈنۈشى ئالدىنقى دەۋرى، ئوتتۇرا دەۋرى، كېيىنكى دەۋرى ۋە ئاخىرقى دەۋرلىرىگە بۆلۈنىدۇ.