Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھۇرۇنلۇق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ئەمگەكتىن قېچىش ئىللىتى.
ئىشچانلىق، تىرىشچانلىق، تىرىشقاقلىق
ئىش - ئەمگەككە قاتتىق بېرىلىش خىسلىتى.
ئىشچانلىق ئاشقا تارتىدۇ، ھۇرۇنلۇق باشقا. بىلىمسىزنىڭ تىرىشچانلىقى يورۇقى يوق ئوت بىلەن تەڭ. تىرىشقاقلىق تىنىم تاپقۇزمايدۇ. ھۇرۇنلۇق بىلەن ئاچكۆزلۈك بىر تۇغقان. ھۇرۇنلۇق ھەممە يامانلىقنىڭ ئاتىسى، ئەسكىلىكنىڭ يىلتىزى. يالقاۋلىق ياردىن غۇلىتىدۇ. ئېرىنچەكلىك - جىنايەت. تىرىشچانلىق مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى.