Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھۇرۇفىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىدىكى تارماقلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھەرپچىلەر دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇلار ھەرپلەر ۋە سانلارغا ھۆرمەت قىلىپ، ئاللانىڭ مەنبەسى ھەرپلەردىن تەركىب تاپقان ئاتالغۇدىن ئىبارەت، دەپ قارىغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان. شىئە مەزھىپىدىكى تەسەۋۋۇپچى ئۆلىما فەزلۇللاھ (1340 - 1394) پرسىيىدىكى ئاستارابادا بۇ مەزھەپنى قۇردى. فەزلۇللاھ ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ياشلىقىدا تەسەۋۋۇپ ئۆلىمالىرىدىن قۇرئان، ھەدس ۋە تەسەۋۋۇپ ئۆگەنگەن. كېيىن مەسچىتلەردە تەسەۋۋۇپچىلىق ئىبادىتى قىلغان ھەمدە شاگىرت يېتىشتۈرگەن. ئۇ شىئە مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسى بىلەن تەسەۋۋۇپچىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى ئەقىدە تەلىماتىنى ياراتتى. ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن بۇ مەزھەپ شەكىللەندى. فەزلۇللاھ 1386 - يىلى ئۆزىنى شىئە مەزھىپىنىڭ ئون بىرىنچى ئىمامى ھەسەن ئەسقەرى (845 - 874) دىن كېيىنكى ئاخىرقى ئىمام، ئاللانىڭ ناماياندىسى، دېدى. 1394 - يىلى سۈننىي مەزھىپى تەرىپىدىن <بىدئەت> دەپ ئەيىبلىنىپ، سەمەرقەنت دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. ئۇنىڭ شاگىرتى سەييىد ئىمادۇددىن ئەنەسمى (؟ - 1419) بۇ مەزھەپنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۆزىنى ئەلى ئەلا دەپ ئاتىدى. دەسلەپ سۈرىيىدىكى ھەلەبكە كۆچۈپ بېرىپ دىنىي تەرغىبات بىلەن بەنت بولدى. كېيىن ئاناتولىيىگە كېلىپ دىنىي تەرغىبات مەركىزى قۇرۇپ، دائىلارنى تەربىيىلەپ، بۇ مەزھەپنىڭ ئەقىدىسىنى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىچىدە تارقاتتى. تەسەۋۋۇپچى بىكتاش قاتارلىقلار ئۇنىڭغا ئەمەل قىلدى. بۇ مەزھەپنىڭ قارىشىچە، ئاللا ئالەمدە مەڭگۈ بولىدۇ، يالغۇز مەۋجۇت بولىدۇ. ئالەمدىكى مەۋجۇداتلارنى ئاللا تەرتىپى بىلەن ئېقىتىپ چىقاردى، تىنىمسىز ئايلاندۇرۇپ، ھەممە ئۆزگىرىشلەرنى شەكىللەندۈردى؛ تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى بىر نەچچە دەۋرگە بۆلۈنىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاخىرقى پەيغەمبەر، ھەزرىتى ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى دانىشمەنلەردۇر؛ فەزلۇللاھ ئون بىرىنچى ئىمامدىن كېيىنكى ئاخىرقى دانىشمەن، ئاللا ھېكىمىتىنىڭ ناماياندىسى ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى خەلىپىدۇر. <قۇرئان كەرىم> باتىن مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ، سۈرىلەرنىڭ بېشىدىكى ئەرەبچە ھەرپلەرنىڭ قوشۇلۇش ۋە بەزى سىرلىق سانلار ئەقىدە مەنىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە، بۇلارنىڭ مەنىسىنى پەيغەمبەر ۋە دانىشمەنلەرلا بىلەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇ مەزھەپنىڭ باشلىقلىرىنىڭ پارسچە ۋە تۈركچە يازغان ئەسەرلىرى كۆپ بولۇپ، ئىلمىي كەلام، ئىلمىي فىقھە، دىنىي پەلسەپە، دىنىي نەزمە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار شۇ مەزھەپتىكى مۇخلىسلارنىڭ كىتابلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزھەپنڭ دىنىي داھىيسى <بابا> دېيىلىدۇ (بۇ تۈركچە سۆز بولۇپ، مەنىسى <ئابرۇيلۇق ئادەم> دېگەنلىك بولىدۇ). بۇ مەزھەپ ئاناتولىيىگە بارغاندىن كېيىن، شۇ يەردىكى خرىستىئانلارنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، باشلىقلار ھەر ھەپتىدە توپلىشىپ مۇقەددەس غىزا يېيىش ۋە تۆۋە - ئىستىغپار ئوقۇشتەك دىنىي مۇراسىملارنى ئۆتكۈزدى. فەزلۇللاھنىڭ قەبرسى ئىراندا بولۇپ، مۇخلىسلار قەبرىنى ھەر يىلى تاۋاپ قىلىپ تۇرىدۇ.