Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
呼罗珊起义
دائىرە: دۇنيا تارىخىخوراسان قوزغىلىڭى
1920-1921-يىللىرى ئىران مىللىي ئازادلىق ھەركىتى كۈچەيگەن مەزگىلىدىكى قوزغىلاڭلارنىڭ بىرى.1920-يىلى 8-ئايدا خوراساندا تۇرۇشلۇق ئارمىيە قوماندانى مۇھەممەد تاجىخاننىڭ رەھبەرلىگىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئىنگلىزلارغا قارشى تۇرۇپ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلغان پارلامېنت چاقىرىشىنى،سۆز ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇشنى خوراسان ئۆلكىسىدە ئاپتونومىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن دېھقانلارمۇ بۇ كۈرەشكە قاتناشقان ھەمدە فېئوداللىق ھاشارنى بىكار قىلىش ۋە باجنى كېمەيتىش تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويغان 1921-يىلى كۈزدە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى،كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنىڭ قۇراللىق كۈچى ۋە يەرلىك كوردلار قوشۇنىنىڭ بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىشى ئاستىدا قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى مەغلۇپ بولۇپ مۇھەممەد تاجىخان ئۆلتۈرۈلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.