Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھۈسەيىن خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
تۇنىس خاندانلىقى. 1705 - يىلى ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش شەرتى ئاستىدا، مۇستەقىل ئىچكى - تاشقى سىياسەت يۈرگۈزگەن. 1881 - يىلى تۇنىس فرانسىيىنىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ خاندانلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىرى فرانسىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قورچىقىغا ئايلىنىپ، قالغان. 1956 - يىلى 3 - ئايدا تۇنىس مۇستەقىل بولۇپ، پادىشاھلىق تۈزۈمنى داۋاملىق ساقلاپ قالغان. 1957 - يىل 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىندا پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلىپ، تۇنىسنى جۇمھۇرىيەت دەپ جاكارلىغان، خاندانلىق شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان.