Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھۈسەين
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(تەخمىنەن 626 - 680)شىئە مەزھىپىنىڭ ئۈچىنچى ئىمامى. ھەزرىتى ئەلى بىلەن فاتىمەنىڭ ئىككىنچى ئوغلى. مەدىنىدە دۇنياغا كەلگەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، پىرسىيىدىكى ساسانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى يەزدەگىرد 3 (632 - يىلىدىن 651 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئالغان. مۇئاۋىيە دەۋرىدە ئاكىسى ھەسەن بىلەن مەدىنىگە يېنىپ كەتكەن. مۇئاۋىيە ئۇنىڭغا ھەر يىلى ئىككى مىليون كۈمۈش تەڭگە بېرىپ تۇرغان. ھەسەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ھۈسەين شىئە مەزھىپىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى يەزىد (680 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) كە سادىق بولۇشنى رەت قىلدى. كېيىن كۇفەدىكى قوللىغۇچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىش باشلاش ئۈچۈن مەككىدىن يولغا چىققان. يول ئۈستىدە ئۇمەييەلەرنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان. ھىجرىيە 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى (ئاشۇرا كۈنى) كەربالادا شېھىت بولغان. كېيىن شىئە مەزھىپى بۇ كۈننى ئاشۇرا مۇسىبەت كۈنى قىلىپ، ھۈسەينگە ماتەم تۇتۇپ كەلگەن.