Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھۇدەيبىيە سۈلھىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن مەككىدىكى قۇرەيش ئاقسۆڭەكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۈلھى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 628 - يىلى بىر مىڭ تۆت يۈزدىن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ مەككىگە ھەج قىلىشقا ماڭغاندا، مەككىگە ئانچە يىراق بولمىغان ھۇدەيبىيىدە (ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ چېگرىسى ئىچىدە) توسۇلۇپ قېلىپ، كېيىن مەككىدكى قۇرەيش ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن سۈلىھ ھاسىل قىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالدى. خاتىرىلەردىن قارىغاندا سۈلھنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق بولغان: مۇسۇلمانلار شۇ يىلى ھەج قىلماي كېلەر يىلى ھەج قىلغاندا قۇرەيىشلەر شەھەردىن ئۈچ كۈن چىقىپ كېتىدۇ، 10 يىل ئۇرۇش قىلمايدۇ، ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ ئىتتىپاقىغا قاتنىشىشنى خالىغان قەبىلىگە يەنە بىر تەرەپ دەخلى قىلمايدۇ، قۇرەيش قەبىلىسىدىن تەسلىم بولۇپ كەلگەنلەرنى مۇسۇلمانلار قايتۇرۇپ بېرىدۇ، مەككىگە پاناھلىنىپ كەلگەنلەرنى مۇسۇلمانلار قايتۇرۇپ بەرمىسىمۇ بولىدۇ.