Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھۇد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مۇھەممەد پەيغەمبەردىن ئىلگىرى زەھھاك زامانىدا. ئۆتكەن ھۇد پەيغەمبەرنىڭ نامى.
قۇرئاندىكى 114 سۈرىدىن ئون بىرىنچى سۈرىنىڭ نامى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان ئاللانىڭ ئەلچىلىرىدىن بىرى. قەدىمكى ئەرەب ئاد قەبىلىسىدىن بولۇپ، قوۋمىدىكىلەرگە ئەجداتلىرىنىڭ مۇشرىكلىكىدىن ۋاز كېچىپ، بىر ئاللاغا ئىمان ئېيتىشنى تەرغىب قىلغان. قوۋمىدىكىلەر راھەت كۆرۈشكە ئىنتىلىپ، كۆپلەپ قۇرۇلۇش سېلىپ، ئۇنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالمىغان. كېيىن يەتتە كېچە، سەككىز كۈندۈز داۋام قىلغان بوراندا ئۇلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن.