Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھۆل ئىسسىق ئارقىلىق ستېرىلىزاتسىيىلەش
دائىرە: بىئولوگىيەسۇنى قىزىتىپ پارغا ئايلاندۇرۇپ، سۇ پارىدىكى ئىسسىقلىق ئارقىلىق مىكرو ئورگانىزملارنى ئۆلتۈرىدىغان بىر خىل ئۇسۇل. بۇ خىل ئۇسۇل سۇ بار شارائىتتا تاماملىنىدۇ. سۇنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى چوڭ، مولېكۇلىلىرىنىڭ ھەرىكىتى تېز، چوڭ مولېكۇلىلىق ماددىلارنىڭ بۇزۇلۇشىنى تېزلىتىش ئالاھىدىلىكى بولغانلىقى، شۇنىڭدەك سۇنىڭ سېلىشتۇرما ئىسسىقلىقى چوڭ، پارنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر گرادۇس تۆۋەنلىتىلگەندە ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ئىسسىقلىقى ھاۋانىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر گرادۇس تۆۋەنلىتىلگەندە ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ئىسسىقلىقىدىن كۆپ بولغاچقا، نىسبەتەن تۆۋەن تېمپېراتۇرا ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ستېرىلىزاتسىيىلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ھۆل ئىسسىق ئارقىلىق ستېرىلىزاتسىيىلەش كونكرېت ئۇسۇلىغا ئاساسەن قاينىتىپ دېزىنفېكسىيىلەش، ئاقما سۇ پارى ئارقىلىق ستېرىلىزاتسىيىلەش، يۇقىرى بېسىملىق سۇ پارى ئارقىلىق ستېرىلىزاتسىيىلەش ۋە پاستېرىزاتسىيىلەش قاتارلىق ئۇسۇللارغا بۆلۈنىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.