Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھۆل تامغا ئېشەك تەپكەندەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جايىدا بولمىغان سۆز - ھەرىكەتكە ئوخشىتىش.
پايپاققا نال قاققاندەك، يوقىلاڭ گەپلەرنى قىلما. نەدىكى ئىشنى قىلىۋاتىسەن، ھۆل تامغا ئېشەك تەپكەندەك.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
پەقەت جايىغا چۈشمىگەن، لايىقىدا بولمىغان، قاملاشمىغان؛ داڭقان پۇتى (گەپ - سۆز، ئىش - ھەرىكەت ھەققىدە): ھۆل تامغا ئېشەك تەپكەندەك ئاڭلانغان بۇ پەرمان تاقەتسىزلىنىپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى سېھىرلىگەندەك قاتۇرۇپ قويدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پەقەت جايىغا چۈشمىگەن ، لايىقىدا بولمىغان قاملاشمىغان ؛ داڭقان پۇتى (گەپ -سۆز، ئىش - ھەرىكەت ھەققىدە).
ھۆل تامغا ئېشەك تەپكەندەك ئاڭلانغان بۇ پەرمان تاقەتسىزلىنىپ تۇرغان كىشلەرنىڭ ھەممىسىنى سېھىرلىگەندەك قاتۇرۇپ قويدى .