Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھېكتور
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ترويالىق باتۇر. ترويا شەھىرى ( كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان) پادىشاھى پرىئام بىلەن خانىكە ھېكايانىڭ چوڭ ئوغلى. ئاندروماكېنىڭ ئېرى. ترويا ئۇرۇشىدا ترويا تەرەپنىڭ سەردارى بولۇپ، يۇنان ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان، ئۇ، <ترويالىقلارنىڭ قورغىنى> دەپ نام ئالغان. گومېرنىڭ داستانى <ئىليادا> دا ئۇ جەسۇر بولۇپ يۇناننىڭ نۇرغۇن باتۇرلىرىنى يەڭگەن ۋە ئۆلتۈرگەن، جۈملىدىن ئاكىللېسنىڭ يېقىن دوستى پاتروكلۇسنى ئۆلتۈرگەن، ئاكىللېس ئۆز دوستى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىپ جەڭ مەيدانىدا ھېكتورنى ئۆلتۈرگەن ھەمدە ئۇنىڭ جەسىتىنى سۆرەپ ئەكەتكەن دەپ تەسۋىرلەنگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ جەسىتى ئۇدا ئون ئىككى كۈن دەپنمە قىلىنمىغانىكەن، ھەركۈنى ئەتىگەندە ئاكىللېس جەڭ ھارۋىسى بىلەن جەسەتنى سۆرەپ، پاتروكلۇسنىڭ قەبىرىسىنى ئۈچ قېتىم ئايلىنىپ چىقىدىكەن؛ بەختكە يارىشا ئاپوللوننىڭ قوغدىشى بىلەن ئۇنىڭ جەسىتى زەخىم بولمىغانىكەن. پرىئام ئاخىرى كۆپ ۇل چىقىرىپ ئۇنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئۇنى دەپنە قىلغانىكەن. <ئىليادا> ترويالىقلارنىڭ ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەنلىكى بىلەن ئاخىرلاشقان.