Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھېكايە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
بىر قىسقا، ئىخچام نەسىرىي ئەسەر. ھېكايە ئادەتتە قىسقا، سەھىپە جەھەتتىن كىچىك، سۇژېتى بىر قەدەر ئاددىي بولىدۇ، پېرسوناژلىرىمۇ ئانچە كۆپ بولمايدۇ. ئەكس ئەتتۈرىدىغىنى رېئال تۇرمۇشنىڭ تىپىك بىر پارچىسى ياكى بىر تەرىپىلا بولىدۇ.
جۇڭگو ھازىرقى زامان يازغۇچىسى ماۋدۈن ھېكايىگە تەرىپ بەرگەندە: « تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان تۇرمۇش ھاسىىلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى بىرەر مەسىلە ياكى ئۆز ھەجىمىگە قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ ۋە مۇرەككەپ بولغان مەزمۇننى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئېپىك ئەسەر _ ھېكايە دەپ ئاتىلىدۇ »، دەپ كۆرسەتكەن.
ھېكايىدە يازغۇچىنىڭ ماھارىتى كىشى ھاياتىدىن كىچىككىنە بىر ئېپىزوتىن ئېلىپ، ئۇنىڭدا ھاياتنىڭ مۇھىم تىپىك تەرەپلىرىنى ئىخچام شەكىلدە تەسىرلىك قىلىپ تەسۋىرلەشتە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: لۇشۈننىڭ « كىچىككىنە بىر ئىش » خۇددى شۇنداق، زۇنۇن قادىرنىڭ « مۇئەللىمنىڭ خېتى » دېگەن تېمىدىكى ھېكايىسىمۇ مول مەزمۇن ۋە تارىخىي ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەدىئىي نەسىرىي ئەسەرلەر، ژانىرلار. بۇلار ھەجمى ۋە ۋەقەلىك تەسۋىرى بويىچە پەرق قىلىدۇ.
رومان - چوڭ ھەجىملىك، بايان خاراكتېرلىك بولىدۇ. شېئىرىي شەكىلدىمۇ بولىدۇ.
پوۋېست _ ئوتتۇرا ھەجىملىك، قىسسە خاراكتېرلىك كېلىدۇ.
ھېكايە _ كىچىك ھەجىملىك، سۇژىتى ئاد
ئابدۇراخمان قاھارنىڭ «ئىلى دولقۇنلىرى» دېگەن رومانى قايتا نەشىر قىلىندى. «قىيانلىق دەريا» ئەخەت تۇردىنىڭ ئۇتۇقلۇق چىققان پوۋېستلىرىنىڭ بىرى. كېيىنكى يىللاردا بىر مۇنچە ھېكايىلەر توپلىمى نەشىر قىلىندى. «نوۋىللا» بىزدە «مىكرو ھېكايە»، «بىر پەسلىك ھېكايە»، «بىر مىنۇتلۇق ھېكايە» دېگەن نام ۋە باشقا ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بولۇپ ئۆتكەن ئىش - ھەرىكەت، ۋەقە - ھادىسە توغرىسىدا ئېغىزدىن ئېغىزغا ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان قىسسە.
بۇلبۇلنىڭ چىرايلىق ھېكايىلىرىغا قورساق تويماس. يالغان ھېكايە ئېيتقان ھارمايدۇ. ئاڭلىغان ھارىدۇ. ئېرتەك ئېيتىشىپ ئوينىغان بالىلارغا تەگمە، ئېرتەكتىن ئۆگەنسۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر كىم، نەرسە، ۋەقە ياكى ھادىسە ھەققىدە ئاغراكى بېرىلىدىغان ئاخبارات ياكى مەلۇمات ؛ بىرەر نەرسىنىڭ ئاغزاكى بايانى ، تەپسىلاتى .
ئۇ مەلىكە بەرنا بىلەن ئەقىللىق ئوتۇنچى يىگىت ۋاھىت توغرىسىدا ھېكايە باشلىدى .
<ئەد> نەسىرىي يول بىلەن يېزىلغان كىچىكرەك بەدئىي ئەسەر .