Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھەزرىتى ئوسمان بىننى ئەففان
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(577 - 656)تۆت خەلىپىنىڭ بىرى، ئىسلام تارىخىدىكى ئۈچىنچى خەلىپە. قۇرەيش قەبىلىسىدىكى ئۇمەييە جەمەتىدە دۇنياغا كەلدى. ئاقسۆڭەك سودىگەر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىي تەرغىباتىنى غايەت زور مالىيە كۈچى بىلەن قوللىدى. ھەبەشستان ۋە مەدىنە ھىجرىتىگە قاتناشتى. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى قىزىغا ئۆيلەندى. ھەزرىتى ئۆمەر قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، خەلىپە بولۇپ سايلاندى. ھەزرىتى ئوسمان خەلىپە بولغان دەۋردە (644 - 656) <قۇرئان كەرىم> نىڭ ئۆلچەملىك نۇسخسى ئىشلىتىلىپ، <ئوسمانىيە نۇسخىسى> دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ھەزرىتى ئوسمان مۇسۇلمان قوشۇنلىرىنى تەشكىللەپ، داۋاملىق سىرتقا كېڭىيىپ، ئەرمىنىيە ۋە شىمالىي ئافرىقىنى بويسۇندۇردى؛ پرسىيە قاتارلىق جايلاردىكى قارشىلىقنى باستۇرۇپ، خەلىپە دۆلىتىنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتتى. ئىچكى زىددىيەت ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەنلىكتىن، 665 - يىلى پارتلىغان ئىچكى مالىمانچىلىقتا مەدىنىدە قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى. ھەزرىتى ئوسماننى ئۆلتۈرگۈچىلەرنىڭ بىرى ئەبۇ بەكرىنىڭ ئوغلى ئىكەن، دېگەن سۆز بار.