Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھەزارالىقلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ھەزارالىقلار ئاففانىستاندا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى، ئاھالىسىنىڭ 9.99 پىرسەنتى ئاففانىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كابۇل بىلەن ھېراتنىڭ ئارىلىقىدىكى ھەزەرەجات تاغلىق رايونىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئاز قىسمى قەندەھار، بەدەشقان، ھېرات قاتارلىق جايلاردا ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 1 مىليون 800 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 9 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئىراندىمۇ نەچچە يۈز مىڭدەك ھەزارالىقلار ياشايدۇ.
ھەزارالىقلار ياۋروپا ۋە موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئارىلاشما تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى دەررى تىللىرى (ئىران تىلى) دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ.
ھەزارالىقلار ئۆز ئىچىدىنن دەيزىك، بېسۇد، تەيمۇرى قاتارلىق تارماقلارغا بۆلىنىدۇ.
ھەزارالىقلار KG-*2]ⅩⅢ ]ئەسىردە بۇ يەرگە بېسىپ كىرگەن تۈرك ۋە موڭغۇل تىلىدا سۆزلەيدىغان كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر بىلەن يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئارىلىشىشىدىن مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
ھەزارا ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىگە، ئاز قىسمى سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
ھەزارا ئاھالىلىرى KG-*2]ⅩⅢ -