Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھەزىم قىلماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<فىزىئول> ئادەم ياكى ھايۋانلار ئۆز تېنىدە ئوزۇقلۇقلارنى فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك روللار ئارقىلىق سۇدا ئاسان ئېرىيدىغان، شۇنىڭدەك ئورگانىزم شۈمۈرەلەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرمەك.
كۆچمە. ئۆزلەشتۈرمەك، چوڭقۇر ھەم پىششىق بىلىۋالماق، ئورناشتۇرماق، ياخشى بىلمەك.
ئەڭ ياخشىسى بىر قېتىمدا بىر دەرسنى ئۆتكەن ياخشى. ئەگەر بىر قېتىمدا دەرس كۆپ ئۆتۈلۈپ كەتسە ھەزىم قىلغىلى بولمايدۇ.
كۆچمە. چۈشەنمەك، تېگىگە يەتمەك.
ئۇ دېگەن بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىمۇ ئوقۇمىغان خوتۇن، شۇڭا بۇ گەپنى ئۇنىڭغا دېگەن بىلەن ھەزىم قىلالمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى دېمىگەن تۈزۈك.