Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھەققانىي نىزام
دۇنيا تارىخى
1293 - يىلى ئىتالىيىنىڭ فلورېنسىيە شەھىرىدىكى چوڭ سودا - سانائەتچىەر فېئودال ئاقسۆڭەكلەر ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن تۈزگەن نىزام. ئەينى ۋاقىتتا فلورېنسىيىدە چوڭ سودا - سانائەتچىەر قۇرغان چوڭ كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىدىن يەتتىسى، قول سانائەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن ئوتتۇرا، كىچىك كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىدىن 14 ى بار ئىدى. نىزامدا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھاكىمىيەتكە ئارىلىشىشى مەنئىي قىلىنىدۇ؛ چوڭ كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسى ۋەكىلىدىن يەتتە نەپەر ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كەسىپداشلار ئۇيۇشما ۋەكىلىدىن ئىككى نەپەر ئادەم قاتناشقان. ئاقساقاللار كېڭىشى تەشكىل قىلىنىپ، ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان قىلىنىدۇ، يولباشچىسى <ھەققانىيەت بايراقدارى> دپ ئاتىلىدۇ؛ خەلق ئەسكەرلىرىمۇ ئۇنىڭ قوماندانلىقىدا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن چوڭ سودا - سانائەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ فلورېنسىيىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەپ، ياللانما ئىشچى، نىمكار ھەمدە ئۇششاق قول ھۈنەرۋەنلەرنى خالىغانچە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغان.