Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھەق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئىش - ئەمگەككە ئالىدىغان ھەق، سېمكار، مائاش.
ئىش ھەققى، قەلەم ھەققى، تاپان ھەققى، ئىجارە ھەققى. * ھەقسىز ئەمگەك، ھەقسىز داۋالىماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ھوقۇق، ھەد.
سېنىڭ مېنى ئەيىبلەشكە ھەقىقىڭ يوق. * كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ نېمە ھەققى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
توغرا، دۇرۇس.
ھەق گەپ ئاچچىق بولار.* بىزنىڭ ئىشىمىز ھەق. * ھەق - ناھەق مەسىلىسى. * ھەق ئېگىلەر، سۇنماس (ماقال).
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: ھوقۇق. ھەقىقىي، ئەسلى؛ ھەقىقەت، راست، توغرا:
ھەسسە، ئۈلۈش، نېسىۋە، ھەق.
ھوقۇق، يوليۇرۇق.
1. رىشۋە بار يەرگە ئاچ قاشقىر كەبى دەمسىز چاپارلەر،
باشىدا سەللە، قولىدا تەسۋى، ھەقتىن قاچارلەر.
تەۋفىق.
7. ياراتتى ھەق بۇ تەننى جان ئىچىدە،
ئۇ جانىڭ بولسا خوپ جانان ئىچىدە.
خىرقەتى.
ئادىل، ئادالەت؛ ئادالەتلىك.
ھەق، باھا.
لاياقەت. خۇدا، تەڭرى:
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
توغرا، راست (سۆز)؛ لاياقەت؛ باھا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەمەلىي پاكىتقا ئۇيغۇن، يالغىنى يوق.
ئەخمەققە يالغانمۇ راست بولار. راست گەپكە جاۋاب يوق. راستنى قوللاش شەرەپ. چىن گەپ جاندىن ئۇلۇغ. «جىڭ ئالتۇن سىناق تېشىدىن قورقماس.» ھەق سۆز ئاچچىق بولار. ھەقنىڭ رىزقى ھەق. ھەق ئۆلۈم ئابروي. توغرا يۈز؛ توغرا سۆزلە؛ توغرا ئاڭلا؛ توغرا تۇر؛ توغرىنى دە؛ توغرىنى كۆر؛ تۈز كەس، توغرا ئېيت. تۈز دەرەخنىڭ پايدىسى تولا، تۈز ئادمنىڭ دوستى. ھەقىقىي سۆزگە قەسەم كەتمەيدۇ. ھەقىقىي بەخت قان - تەردىن كېلىدۇ. دوستۇڭغا دۇرۇس سۆزلە. جېنىڭنى ئېلىشقا قىلىچ تاڭلەنسىمۇ لىللا گەپ قىل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ۋە قوغدىلىدىغان ئەركىنلىك، ئىختىيار.
كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟ ۋەتەننى سۆيۈش ھەققىمىز ۋە بۇرچىمىز. ئۆز - ئۆزىگە ئىشىنىش ياشلارنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقى. قىلدەك ھوقۇقنىڭ پىلدەك كۈچى بار. تەكشۈرمىگەننىڭ پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى يوق. بۇنى سۈرۈشتۈرۈشكە سېنىڭ ھەددىڭ يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىلغان ئەمگەككە تېگىشلىك تۆلەم، ئۈلۈش.
ئاتا - ئانىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغانلار باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئەسلا ئادا قىلالمايدۇ. نېمە ئىش قىلساڭ، شۇنىڭ ھەققىنى ئالىسەن. مېۋە - جاپالىق ئەمگەكنىڭ سىمكرى. ئىشىغا قاراپ مانجىسى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەلۇم نەرسىنىڭ ئورنىغا كەلگەن ماددىي ياكى مەنىۋى تۆلەم.
ھەقنىڭ ھەققى تەق. كېسەللىك - شەھۋانىيلىقنىڭ بەدىلى. مۇھەببەتنىڭ بەدىلى مۇھەببەت.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئىسلام دىنىدا قوللىنىلىدىغان ئەرەبچە سۆز بولۇپ، « ھەقىقەت »، «راست»، «توغرا »، «ھوقۇق»، « مەجبۇرىيەت » دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. (1) ئىسلام دىنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. « قۇرئان كەرىم »، دە ئىسلام دىنى « ھەق دىن » دېيىلگەن. (2) ئاللانىڭ 99 گۈزەل ئىسمىنىڭ بىرى. (3) شەرىئەتتە بېرىلگەن « ھوقۇق » كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مەسلەن، قەرز ئىگىسىنىڭ قەرزداردىن قەرزنى ئېلىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئۇرۇق _ تۇغقانلىرىنىڭ قاتىلنى جازالاشنى تەلەپ قىلىش ۋە مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش ھەققى بولىدۇ. « ھەقدار » غا شەرىئەتتە بېرىلگەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇش پۈتۈنلەي ئەركىن بولىدۇ، بەھرىمەن بولسا ئەمەلىيەتكە مۇۋاپىق بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسە گۇناھ ھېسابلانمايدۇ. (4) شەرىئەتتى بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەت ۋە ئەخلاق مىزانلىرىنى ئادا قىلىش كېرەكلىكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مەسلەن، ئاتا _ ئانىغا ۋاپ قىلىش، پەرزەنتلەرنى تەربىيلەش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئاسراش قاتارلىقلار « ھەق » دېيىلىدۇ. مەسىلەن، مۇسۇلمانلار پەرزەنتلىرىنىڭ نىكاھ ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، « گەدىنىمدىكى ھەقنى ئادا قىلدىم » دەيدۇ. بۇ ئاتا _ ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلدىم، دېگەنلىك بولىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلمىغانلار ئىسلام دىنىنىڭ ئېتىكا ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلدى، دەپ ھېسابلىنىدۇ ھەمدە جەمئىيەت تەرىپدىن ئەيىبلىنىدۇ. قىلمىشى ئېغىرلار شەرىئەت بويىچە جازالىنىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ھەقىقىي، راست، توغرا، بار، ساۋاپ