Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھەفىس سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1228 - 1574) شىمالىي ئافرىقىدا قۇرۇلغان ئىسلام ھاكىمىيىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ سۇلالىنى شىمالىي ئافرىقىدىكى دىنىي ئىسلاھاتچى ئىبنى تۇمارتنىڭ شاگىرتى ۋە قوۋم سانغۇنى ئەبۇ ھەفىس ئۆمەر (؟ - 1176) قۇرغانلىقتىن، سۇلالە شۇنداق دەپ ئاتالغان. ھەفىسنىڭ ئەۋلادلىرى مۇۋەھھىد سۇلالىسىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەندى. ھەفىس جەمەتىدىن بولغان ۋالىلارنىڭ بىرى ئەبۇزەكەرىيە يەھيا 1 (1228 - يىلىدىن 1249 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) خەلىپە ئەنئەنىۋى ئېتىقادتىن يۈز ئۆرىدى، دېگەن نام بىلەن 1237 - يىلى ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى. كېيىن مەغربنىڭ ئوتتۇرا قسمىغا كېڭىيىپ، كۈنسايىن كۈچەيدى. 1270 - يىلى شىمالىي ئافرىقىنىڭ كۆپ قىسىم رايونىنى كونترول قىلىپ، ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلارنى خەلىپە ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى دەپ ئاتىدى. ئۆزىنى خەلىپە ئابباسنىڭ ۋارىسى دېدى. 14 - ئەسىردە دۆلەتنىڭ كۈچى ئاجىزلاشتى. ئالجىرىيە زېمىنىنى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى تارتىۋالدى. خەلىپە ھاكىمىيەتنى ئىسپانىيىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ساقلىدى. 1574 - يىلى ئوسمانلى قوشۇنى تەرىپىدىن ئاغدۇرۋېتىلدى. ئاخىرقى خەلىپە ئىستامبولغا ئېلىپ كېتىلدى. سۇلالە يوقالدى.