Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھاۋالە تالاق
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شەرىئەت ئېتىراپ قىلغان تالاق شەكىللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە، ئەر كىشى نىكاھدىن بۇرۇنقى نىكاھ توختىمىدا تالاق ھوقۇقىنى ئۈچىنچى تەرەپكە ياكى خوتۇن كىشىنىڭ ئۆزىگە ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. نىكاھدىن كېيىن خوتۇن كىشى نىكاھدىن بۇرۇن پۈتۈشكەن شەرتكە خىلاپلىق قىلسا ياكى مەلۇم ئىشنى خاتا قىلغان بولسا، تالاق كۈچكە ئىگە بولىدۇ. لېكىن، خوتۇن كىشى ئېرىدىن رەسمىي ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.