Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھاۋالە پۈتۈمى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھاۋالىنى قوبۇل قىلىپ باشقىلارنىڭ مال - مۈلكىنى ساقلاپ بېرىش توغرىسىدىكى پۈتۈم كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى دەسلەپكى چاغلاردىكى پۈتۈملەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئۆزئارا ئىشىنىش ئالدىنقى شەرت قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى شۇكى، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مال - مۈلكىنى ياخشى ساقلاپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئۇنى يەۋېلىشقا، ئىشلىتىۋېلىشقا ياكى ئۆزىنىڭ مال - مۈلكى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ، قەرەلى تولغاندا تولۇق قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. ھاۋالە قىلىنغان بۇيۇم كۈتۈلمىگەن زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، ھاۋالە قوبۇل قىلغۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.