Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھامپتون دىنىي يىغىنى
دۇنيا تارىخى
1604-يىلى 1-ئايدا، ئەنگلىيىدىكى ھامپتون (لوندون ئەتراپى) دا ئېچىلغان دىنىي يىغىن. ئەنگلىيە پۇرىتانلىرى 1603-يىلى 4-ئايدا جېمىس Ⅰ گە مۇراجىئەتنامە سۇنۇپ، ئەنگلىيە دۆلەت دىنىدىكى كاتولىك دىنىنىڭ تەسىرلىرىنى تازىلاشنى، جۈملىدىن .ېوەسقڭوكيى تۈزۈنە ۋە كاتولىك دىنىغا خاس بەزىبىر رەسمىيەتلەرنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. كېيىنكى يىلى 1-ئايدا ئەنەلىيە دۆلەتلىك چېركاۋنىڭ ئېپىسكپلى بىلەن پۇرىتاتلارنىڭ باشلىقى قاتناشتۇرۇلغان بۇ دىنىي يىغىنغا جېمىس Ⅰ رىياسەتچىلىك قىلغان. جېمىس Ⅰ يىغىندا <ئېپىسكوپ بولمىسا، كورۇلمۇ بولمايدۇ> دەپ تەكىتلەپ، پۇرىتانلارنىڭ ئىسلاھات تەلىپىنى رەت قىلغان.